خەلق تورى خەۋىرى: 17-يانۋار بىرازىلىيەلىك پۇتبول چولپىنى رونالدىنىئونىڭ ئاكىسى ھەم ۋاستىچىسى بولغان روبىتو «يەر شارى تەنتەربىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن رونالدىنىئونىڭ پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى، خوشلىشىش مۇراسىمىنىڭ 15-ئىيۇل، يەنى رۇسىيەدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، رونالدىنىئو 2015-يىلى فىلۇمىنسې كوماندىسىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئوينىغاندىن كېيىن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ باقمىغان.
رونالدىنىئونىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ ئىككى قېتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى شەرىپىگە، بىر قېتىم ياۋروپا ئالتۇنتوپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. رونالدىنىئو بىرازىلىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 97 قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 33 توپ كىرگۈزگەن، كوماندىنىڭ 1999-يىللىق ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى، 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بۇنىڭدىن باشقا رونالدىنىئو يەنە 2003-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بارسېلونا كوماندىسىدا ئوينىغان بولۇپ بۇ مەزگىلدە 207 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 94 توپ كىرگۈزگەن ۋە كوماندىنىڭ ئىككى قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى، ئىككى قېتىم پادىشاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى، بىر قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. 2008 - يىلى AC مىلان كوماندىسىغا يۆتكەلگەن.
بارسېلونا كۇلۇبى «رونالدىنىئو، سەن پۇتبول دۇنياسىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان پۇتبولچى، پۇتبول مەيدانىدىكى سېھرىگەر، رەھمەت ساڭا» دېگەن تەبرىك سۆزىنى ئېلان قىلدى.