شىنخۇا تورى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىل 12-يانۋار شىۋېتسىيەدىكى قار-مۇز مېھمانخانىسى بۇ يىل قىشتا قايتىدىن كىشىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. 17 دۆلەتتىن كەلگەن 36 سەنئەتكار بۇ قېتىملىق قار-مۇز مېھمانسارىيىنى لايىھەلەشكە قاتناشتى. 1989-يىلىدىن بۇيان، جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنىڭ شىمالىغا 200 كىلومېتىر كېلىدىغان تورنې دەريا ۋادىسىغا يېقىن جايغا ھەر يىلى مۇز مېھمانسارىيى ياسالغان، بۇ يىل سەنئەتكارلار 30 مىڭ كۇب قار-مۇز بىلەن بۇ مېھمانساراينى ياساپ پۈتتۈرگەن، 500 توننا تەبىئىي مۇز بىلەن ئەينەك ۋە قاۋاقخانا ياسىغان. مېھمانسارايدا لايىھەسى ئۆزگىچە 35 ھەشەمەتلىك ھۇجرا، بىر مۇز ئويما مۇراسىم زالى ۋە پۈتۈنلەي يېڭىچە بالىلار باغچسى تەسىس قىلىنغان. ئاساسىي زالنىڭ ئىچىگە سۈنئىي ياسالغان مۇز كىرىستالىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ئاسما چىراغ ياسالغان.
شىۋېتسىيەدىكى مۇز مېھمانخانا قايتىدىن ياسالدى
مۇھەررىر:
رەنا دانىيار
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2018/01/17 18:44
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.