كۇچا ناھىيە پەيزاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى 15- يانۋار يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقان ئىشچى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى پەيزاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن بۇلتۇر نويابىردا كەنتكە ئوتتۇرا تىپتىكى كىيىم تىكىش كارخانىسى ماكانلىشىپ، كەنت ياشلىرىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىش ئورنىغا ئىگە قىلدى. ھازىر 32 دېھقان بۇ كارخانىغا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، مائاشلىق ئىشچىغا ئايلاندى .