شىنخۇا تورى خەۋىرى: مارسېللىقلار شەرقىي ئافرىقا رايونىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، كېنىيەنىڭ جەنۇبى ۋە تانزانىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، مارسېللىقلارنىڭ ئەرلىرى «شۇكا» دەپ ئاتىلىدىغان قىزىل يېپىنچىنى يېپىپ، قولىغا بىر ئۇچى توم، بىر ئۇچى ئۇچلۇق ياۋايى ھايۋانلارنى قوغلايدىغان تاياقنى ئېلىۋالىدۇ. ئاياللار بولسا رەڭلىك «كەنگا» كۆينىكىنى كېيىپ، نەپىس زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن پەردازلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تانزانىيە ۋە كېنىيە ھۆكۈمىتى مارسېللىقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مەدەت بېرىپ كەلگەن، نۆۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەر يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئاز ساندىكى كىشىلەر بولسا شەھەرگە كىرىپ كەتكەن.