ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: چەرچەن ناھىيەسى نامرات ئائىلىلەرنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، سىياسەت، تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىپ، كۆكتات سورتلىرىنى كېڭەيتىش، ئىلمىي ئۆستۈرۈش، كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆكتات بازارلىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە «يېشىل چىراق» يېقىپ، نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.
چەرچەن ناھىيە ئارال يېزا ئارال كەنتىدىكى دېھقان يې جىدۇڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان دېھقانلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 2013-يىلى يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ياساپ بەرگەن ئىككى يېرىم مو پارنىكقا تايىنىپ، يېزىدا ئېچىلغان تۈرلۈك پەن-تېخنىكا كۇرسلىرىغا قاتنىشىش، ئۆزى ئىزدىنىپ كىتاب-ماتېرىياللاردىن پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئاشۇردى. ھازىر ئۇ پارنىكتا كەرەپشە، كىچىك يېسسىۋېلەك، قىزىلمۇچ، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىپ، يىلىغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدا ئالىدىغان دېھقانغا ئايلاندى.