ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋىرى: بۈگۈر ناھىيەسى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ غەربىي دەرۋازىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دۆلەت ۋە تۆمۈريول باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا ئەسلىدىكى تار دائىردىكى تۆمۈريول ۋوگزالىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش خىزمىتىگە پائال تۈردە ماسلاشقانلىقتىن، نۆۋەتتە پويىز قاتنىشى بۈگۈر خەلقىگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .
2015-يىلى 20-ئۆكتەبىر بۈگۈر يېڭى ۋوگزالى زامانىۋى قاتناش دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، ھەر يىللىق يولۇچى ۋە يۈك پويىزلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. 2017-يىلى دېكابىرنىڭ باشلىرىغىچە ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە 83 مىڭ 400 ئادەم(قېتىم) توشۇلۇپ، يىلدا 75 مىڭ ئادەم(قېتىم) توشۇش ۋەزىپىسى %89.9 ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى .
پويىز قاتنىشى بۈگۈر خەلقىگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى
مۇھەررىر:
نىجات نىياز
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2018/01/10 10:52
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.