چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئايروخانقىز بات بۇ يىل 81 ياشقا كىرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىزمىتىنى ئۆلگۈچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، بات 1957-يىلى 21 يېشىدا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان، ئۇ بۇ خىزمەتنى 60 يىل قىلغان. ئۇ ئىلگىرى پېنسىيەگە چىقىشنى ئويلاشقان، بىراق ئوغلى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئىقتىسادتىن قىينالغاچقا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئىستېپا بېرىشنى قايتا ئويلاشمىغان. ئامېرىكىدا ئۇچقۇچىلارنىڭ 65 ياشتا پېنسىيەگە چىقىشى بەلگىلەنگەن، ئەمما باشقا ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ پېنسىيە يېشىغا چەك قويۇلمىغان، شۇڭا بات خىزمەت ئورنىدا ھازىرغىچە ئىشلەپ كەلگەن.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى