يەرشارى تورى خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 31-دېكابىر بىرلەشمە خەۋەر قىلىشىچە، 2017-يىل نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن دۇنيادا ئېلېكتىروموبىل سانى 3 مىليوندىن ئاشقان، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا ئېلېكتىروموبىل سېتىلىش مىقدارى 1 مىليوندىن ئاشقان.
يۇقىرىقى يۈزلىنىش بويىچە قارىغاندا، ئەگەر 2018-يىلى ئېلېكتىروموبىل سېتىلىش مىقدارى 1 مىليون 700 مىڭدىن 2 مىليونغا يەتسە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن دۇنيادا ئېلېكتىروموبىل سانى 5 مىليوندىن ئېشىشى مۇمكىنكەن.
پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىللىق ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارى تەخمىنەن 80 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدا ئېلېكتىروموبىل تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى. تۈۋرۈك شەكىللىك ئىسخېمىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، جۇڭگودا ئېلېكتروموبىل سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى دۇنيا بويىچە ئېشىشقا تۈرتكە بولغان.