تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

15 يېشىدا سول پۇتىدىن ئايرىلغان قىز ئەمدىلىكتە چېنىقتۇرۇش تىرېنېرىغا ئايلاندى

  39 ياشلىق دارلىن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرى ۋە ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى، ئۇنىڭ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان يولدىشى ۋە بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنتى بار.

    دارلىننىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسى مۇنەۋۋەر ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇش بولۇپ، مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول مۇسابىقىلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشاتتى. بىراق 15 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ قاباھەتلىك چۈشى باشلاندى. ئۇ ئۆيىدىكىلەرگە دائىم پۇتۇم ئاغرىۋاتىدۇ، دەيتتى، ئۆيىدىكىلەر باشتا قىلچە ئېتىبار بەرمىدى، كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، دارلىننىڭ يامان سۈپەتلىك سۆڭەك ئۆسمىسى (سۆڭەك راكى) گە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالدى. بۇ خەۋەر دارلىنغا ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك تۇيغۇ بەرگەن ئىدى.

    يەتتە ئايدىن كېيىن راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دوختۇرلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇ سول تىزىنىڭ تۆۋەن قىسىمىنى كېسىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى.

    ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دوختۇر دارلىننىڭ سۆڭىكىنىڭ ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرگىز يىقىلىپ چۈشسە بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. گەرچە دارلىنغا ئىنتايىن ئىلغار سۈنئىي پۇت سېلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا كۆنۈش بىرقەدەر قىيىن بولۇپ يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلىنالمىدى.

    دارلىن بەدەن ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالىنىشقا باشلىدى . تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاستا-ئاستا مۇسكۇل كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ باردى.

    ئۇ ئۆزىنىڭ جىسمانىي كۈچى ۋە چىدامچانلىقى، تىرىشچانلىقى ۋە بوشاشماس ئىرادىسى بىلەن، ھازىر ھەر خىل پائالىيەتلەرگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن قاتنىشىپ، ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

 
 

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ