ئابدۇخالىق ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: قىش كىرگەندىن بۇيان، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، تۇرپاندىكى ئايدىڭكۆلدە تەبىئىي مۇزلۇق شەكىللىنىپ، يىراق – يېقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، جۇڭگودىكى ئەڭ تۆۋەن كۆل ئايدىڭكۆلگە كەلگىنىمدە، كۆل يۈزىدە كەڭ كۆلەمدە مۇز تۇتقانىدى. ئۇششاق بالىلار چوڭلارنىڭ ھەمراھلىقىدا چانا ۋە كاڭكى تېيىلىپ ئويناۋاتاتتى. خۇنەندىن كەلگەن ساياھەتچى شې شياۋچيۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىپ ئايدىڭكۆلنىڭ ناھايىتى گۈزەللىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق، كۆل يۈزى قېلىن مۇز تۇتۇپتۇ، بۇ يەر كېلىشكە ئەرزىگۈدەك يەر ئىكەن، بۇ قېتىم ساياھىتىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى.
تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى چاتقال يېزىسىنىڭ چاتقال كەنتىدىكى خەلچىگۈل مۆمىن مۇنداق دېدى: ئايدىڭكۆلنىڭ سۈيى يىلدىن – يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ يەرگە دائىم كېلىپ تۇرىمەن. قىشتا مۇشۇنداق مۇز قاتقاندا، دوستلىرىم بىلەن مۇز تېيىلىپ ئوينايمىز.
ئايدىڭكۆل مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى جياڭ گاڭ مۇنداق دېدى : بۇ يىل ئايدىڭكۆلنىڭ مۇز تۇتقان يۈزى 24 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلقىدىن زور دەرىجىدە كېڭەيدى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، كۆلدىكى قومۇشلۇق كۆلىمى يەتتە – سەككىز كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلاندى. ياۋايى قۇشلارمۇ كۆپەيدى. بۇنىڭدىن كېيىن، قۇشلار يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىپ، كۆلگە ھەر يىلى زور مىقداردا بېلىق قويۇپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ قۇش ۋە بېلىقنى ئايدىڭكۆلگە ماكانلاشتۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ يۈزى ۋە مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، ئايدىڭكۆلنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرىمىز.