تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

سۈرەتتە ئىپادىلەنگەن قېرىنداشلىق مېھرى

  ئابدۇخالىق ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: بىر قانچە كۈندىن بۇيان، تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى ۋۇ لۇڭخەي توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىلانلىق بازىرى غورو كەنتى 2 – گۇرۇپپىسىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئابدۇللا ئىبراھىم ئائىلىسىدە يېتىپ – قوپۇش، تاماق، ئەمگەك ۋە ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ نەۋرىسىگە دۆلەت تىلى ئۆگەتتى ۋە بۇ كۆرۈنۈشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى ئابدۇللا ئىبراھىمغا بەردى، سۈرەتلەردە چوڭقۇر قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەنىدى.

    ئابدۇللا ئىبراھىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كەنت كومىتېتىدىن تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خۇش بولغان، تۇغقىنى تۇرىدىغان ئۆينى پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇپ، تاماق تەييارلىغان. تۇغقىنى كەلگەندىن كېيىن ئىشىك ئالدىدا بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن. ئابدۇللا ئىبراھىم مۇنداق دېدى: تۇغقىنىم كەلگەندىن كېيىن، بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق، تۇغقىنىم سۈرەتلەرنى رامكىلاپ ماڭا سوۋغا قىلدى، بىز ئۆمۈرلۈك تۇغقان بولدۇق.

    بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن ئابدۇللا ئىبراھىم ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن بولۇپ، ئائىلىسىدە سەككىز جان بار، ئىككى نەۋرىسىنىڭ بىرى يەسلىدە ئوقۇيدۇ، 14 مو چىلانلىقى بار. دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال ۋاقىتلىرىدا، ئۇ توقسۇن ناھىيەسىدىكى خىمىيە سانائەت زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەيدۇ. ۋۇ لۇڭخەي ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كۆمۈر توشۇپ، ھويلا – ئارانلىرىنى تازىلىدى، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ بەش ياشلىق نەۋرىسىگە دۆلەت تىلى ئۆگەتتى. ئابدۇللا ئىبراھىمنى باشلاپ يەسلىگە بېرىپ، يەسلىنىڭ مۇھىتى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى، نەۋرىسىنىڭ ئازادە، يورۇق سىنىپتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئابدۇللا ئىبراھىم تولىمۇ خۇشال بولدى. ۋۇ لۇڭخەي مۇنداق دېدى: تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئۆيدە يەسلىدە ئوقۇيدىغان بالىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا دۆلەت تىلى ئۆگەتتىم، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدۈم، ئۇلار بىلەن يېتىپ – قوپۇش، تاماق، ئەمگەك ۋە ئۆگىنىشتە بىللە بولدۇم. بىر قانچە كۈنلۈك ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرگە داۋاملىق كېلىپ تۇرىمەن، ئابدۇللا ئاكىمىزنى تۇرپانغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى مېھمان قىلىمەن، دائىم تېلېفونلىشىپ، بىللە غىزالىنىپ، مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ