تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

‹‹تۇغقىنىم كېلىپ، ئائىلىمىز ئىللىقلىققا تولدى››

  گۈلزار ئوسمان خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئورۇنلار ۋە تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، كادىرلار بەس – بەستە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، تۇغقانلىرى بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، تۇغقانلاشقان ئائىلىلەرگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

  ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ليۇ شاۋلى كۆكخوتقور يېزىسىنىڭ كۆكخوتقور كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئايتاخۇننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇلارغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە 30 يىللىق يەر ھۆددە مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقى، بالىلارنىڭ ئوقۇشىنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكى، ئامما ئۆي سالغاندا تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىدەك پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈردى.

  ليۇ شاۋلى مۇنداق دېدى: قوشماقلاشقان تۇغقىنىم بىلەن بىر ھەپتە بىللە تۇرىمەن، بۇ جەرياندا تۇغقىنىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۇلاردىن بىر قىسىم ئاددىي قازاقچە تۇرمۇش سۆزلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇلار بىلەن نورمال پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.ئايتاخۇن مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، ليۇ شاۋلى ھەر قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، بىزگە ياردەملىشىپ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، بىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ؛ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆيىمىزگە كېلىپ، مېھمان بولۇپ كېتىدۇ، ھەر قېتىم كەلسە بىزگە سوۋغا ئالغاچ كېلىدۇ، تۈنۈگۈن ئۇلار بىزگە ياردەملىشىپ قار تازىلىشىپ بەردى، تۇغقىنىم كېلىپ ئائىلىمىز ئىللىقلىققا تولدى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.

  كۆكخوتقور كەنتىدىكى جى ۋۇپا چوڭ ئانا، ئۆيىگە ئەھۋال ئىگىلەپ كىرگەن كادىرلارغا، ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇڭ چۈەنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆيىگە دائىم كېلىپ، بىرلىكتە غىزالىنىپ، پاراڭلىشىپ، ھال – مۇڭ بولۇشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  جى ۋۇپا ئانا مۇنداق دىدى: بۈگۈن ئىككىنچى ئوغلۇمنىڭ كەلگىنىدىن بەك خۇش بولدۇم. ئۇ خۇددى ئۆز ئوغلۇمغا ئوخشاش تۇرمۇشۇمغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەر قېتىم كەلسە ماڭا دورا، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ئالغاچ كېلىدۇ. قوتاندىكى كالىلارغا يەم بېرىپ، قوتاننى تازىلاپ بېرىدۇ.

  2016 – يىلى نىلقا ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىدىكى 45 كادىر كۆكخوتقور كەنتىدىكى 67 كەنت ئاھالىسى بىلەن تۇغقانلاشقان بولۇپ، بىر يىلدىن بۇيان ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن ئۆزئارا بېرىش – كېلىش قىلىش، ھەرخىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، تۇغقىىنى بىلەن بىرگە تۇرۇش، بىرگە ئۆگىنىش قىلىش، بىرگە ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق مېھىر – مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى.

  خۇاڭ چۈەنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىزچىل تۈردە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ تەلىپى بويىچە كادىرلىرىمىز قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، بىللە غىزالىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ