ئاياللار سۇنى ئاز ئىچكەندە تېرىسى ئاسان قۇرغاقلىشىپ، تەر تۆشۈكچىلىرى يوغىناپ كېتىدۇ. نۇرغۇن ئاياللار ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا سۇ ئىچكەندە ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئۇنداقتا ئەتىگەندە سۇنى قانداق ئىچكەندە ساغلام ھېسابلىنىدۇ؟
ئاياللار ئەتىگەندە سوغۇق سۇ ئىچمەسلىكى كېرەك
ئورۇق، سوغۇقچان ئاياللار ئەتىگەندە تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولغان سۈت، مېۋە شىرنىسى ياكى سوغۇق سۇ ئىچىشكە ماس كەلمەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئىسسىق شورپا ياكى ئۇماچ ئىچسە بولىدۇ.
ئاياللار ئەتىگەندە تۇز سۈيى ئىچمەسلىكى كېرەك
ئەتىگەندە سۇ تولۇقلاشتا تۇزلۇق شورپا، تۇزلۇق چۆچۈرە قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك، بۇلار بەدەننىڭ ئۇسسۇزلۇقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ئاياللار ئەتىگەندە ئاچ قورساققا مېۋە شەربىتى ئىچمەسلىكى كېرەك
ئەتىگەندە ئاچ قورساققا مېۋە شەربىتى ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس، ياز كۈنلىرى ئىچكەن تەقدىردىمۇ ناشتىلىق بىلەن بىللە ئىچىش كېرەك.