تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى 450 مىليون يۈەندىن ئاشتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رەخمەتجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: غۇلجا ناھىيەسى بۇ يىل ساياھەتچىلىكنى ناھىيە ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلىكتە يەنە بىر گۈللىنىش ھاسىل قىلدى. 11 – ئايغىچە ناھىيە بويىچە 950 مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى تۇنجى قېتىم 450 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشتى.

  بۇ ناھىيە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلاپ، كۆلەم ھاسىل قىلدى، ئۆرۈك يۇرتىنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ناھىيەنىڭ سىرتقا تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىنىشىغا سەھنە ھازىرلىدى، ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت – مەدەنىيەت بايرىمى ئاساس قىلىنغان ساياھەت بازارلىرىنى جانلاندۇردى. ھازىرغىچە سەككىز قېتىم ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت – مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزدى. ساياھەت – مەدەنىيەت بايراملىرىدا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان رەڭدار ساياھەت – مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئىستېمالى ھەر تەرەپلىمە قاندۇرۇلدى. مۇشۇ سەككىز قېتىملىق ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت – مەدەنىيەت بايرىمى مەزگىلىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 500 مىڭدىن، ساياھەتچىلىك كىرىمى 70 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇ ناھىيە يەنە ساياھەت – مەدەنىيەت بايرىمىدىن پايدىلىنىپ، گۈل ساياھەتچىلىكى، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى، ئېكولوگىيە مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ساياھەتچىلىكى پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ناھىيەنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى.

  ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەيجۈن مۇنداق دېدى: يېشىل تەرەققىيات تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ناھىيەمىز نەچچە يىلدىن بۇيان ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇردى. دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان توغراسۇ مەنزىرە رايونى باشلامچى قىلىنغان ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكتە داڭلىق ماركا يارىتىش يولىدا ماڭدى، ھازىرغىچە توغراسۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، ناھىيەمىزنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى ئەۋزەللىكلىرى ئاساسىدا ئاق قۇ ساياھەتچىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا يەنە 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدۇق. ناھىيەمىزدە يەنە ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ساياھەت تاۋارلىرى مەركىزى قۇرۇپ، كېلەر يىلى كۈتۈۋېلىنىدىغان ساياھەتچىنى 1 مىليوندىن ئاشۇرۇشقا، ساياھەتچىلىك كىرىمىنى 520 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ