ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
چەرچەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرى ئەركىن توختى ئارال يېزا ياقا ئۆستەڭ كەنتىدىكى تۇغقىنى ۋاڭ چىمىڭنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشمەكتە