سامساق بىز دائىم ئىستېمال قىلىدىغان تەم تەڭشىگۈچى كۆكتاتلارنىڭ بىرى، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سامساقنىڭ پۇرىقىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە سامساق ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ساغلام يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سامساق ئاياللارنىڭ «ساغلاملىق قوغدىغۇچىسى» ھېسابلىنىدىكەن، سامساق تەركىبىدە تەخمىنەن %0.2 ئۇچۇچان ماي بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سامساق ئاچچىق ماددىسىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار . تېببىي تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، سامساق ئاچچىق ماددىسىنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش رولى جىنسىي يول تامچە قۇرتى، ئاميوبا پىروتوزوسى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مىكروئورگانىزملاردا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر كۈنى بىر تال خام سامساق يەپ بەرسە، جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سامساق تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنىڭ ئاجايىپ كۈچلۈك باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بولۇپ، كۆپ خىل شارچە باكتېرىيەسى، تاياقچە باكتېرىيەسى، زەمبۇرۇغ ۋە ۋىرۇس قاتارلىقلارنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ۋە يوقىتالايدۇ، بۇ ھازىرغىچە بايقالغان تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدىكى باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش رولى ئەڭ كۈچلۈكى ھېسابلىنىدۇ.
تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، سامساق تېرىلىدىغان رايون ۋە ئۇزاق مۇددەت سامساق ئىستېمال قىلغان كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر كۈنى يېرىم تال خام سامساق يەپ بەرگەندە سۈت بېزى راكى، تۇخۇمدان راكى قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن.