يەر شارى تورى خەۋىرى: ئامېرىكا « دۆلەت جۇغراپىيەسى» 2017-يىلىق تەبىئەت فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشقان. « ھىندونېزىيە دەرياسىنى كېسىپ ئۆتكەن شىمپەنزە» ناملىق ئەسەر نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ، بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.
مۇسابىقىدە مەنزىرە، سۇ ئاستى، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئاسماندىن ئىبارەت تۆت باش تېما بويىچە مۇكاپات تەسىس قىلىنغان بولۇپ، « ھاۋايدىكى يانار تاغ دۆلەت باغچىسى»، «دېڭىزدىكى <ئاپتاپپەرەس>» ۋە « دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلۇشى» قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەنزىرە، سۇ ئاستى، ئاسمان تېمىسى بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.