ئەل ئىچى سەنئەتكارلار 11-دېكابىر رەستە مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدىكى قۇياش نۇرى مەھەللىسىدە قۇرۇلتاي روھىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش تەشۋىقات ئويۇنى قويماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك ئەل ئىچى سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار يېقىنقى كۈنلەردە ھەرقايسى يېزا- بازار، كەنت، مەھەللە ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە ئېتىز باشلىغىچە بېرىپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش بويىچە 41 مەيدان تەشۋىقات ئويۇنى قويۇپ، ئامما ياخشى كۆرىدىغان سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى جانلىق تەشۋىق قىلدى.
11-دېكابىر، ئەل ئىچى سەنئەتكارلار رەستە مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى قۇياش نۇرى مەھەللىسىدە قۇرۇلتاي روھىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش تەشۋىقات ئويۇنى قويماقتا.