ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك تېز خەۋەرلەر گېزىتى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە سالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، كىشى كۈندە ئالتە قوشۇق كاۋا ئۇرۇقى يەپ بەرسە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.
فوسفات تۇزى ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل مىنېرال ماددا بولۇپ، قاندىكى باشقا مىنېرال ماددىلارنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىپلا قالماستىن يەنە ئوكسىگېننى يۈرەكتىن بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا توشۇش جەريانىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقى قاندىكى فوسفات تۇزىنىڭ مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاغرىقنىڭ قېنىدىكى فوسفات تۇزىنىڭ مىقدارىنى بەش يىلدىن توققۇز يىلغىچە كۆزىتىش ئارقىلىق، فوسفات تۇزىنىڭ ھەر بىر لىتىر قاندىكى مىقدارى بىر مىللىمولدىن 1.25 مىللىمولغىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن يۇقىرى بولسىمۇ ياكى تۆۋەن بولسىمۇ يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
فوسفات تۇزىنى تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تەركىبىدە فوسفات تۇزى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدىكى فوسفات تۇزىنىڭ مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھەر 100 گىرام كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە 1.233 گىرام فوسفات تۇزى بولىدىكەن. كىشى كۈندە ئالتە قوشۇق كاۋا ئۇرۇقى يەپ بەرسە، بەدىنىنىڭ فوسفات تۇزىغا بولغان ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىكەن.
ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى