12-دېكابىر، ناۋاي ئۇستام تۇرسۇننىياز ئىمرەمزە بىنەم نانلىرىنى ياقماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئەخمىدى خەۋىرى، فوتوسى: غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار يېزىسدىكى دېھقانلارنىڭ بۇلتۇر 15 مىڭ مو يەرگە تېرىغان بىنەم بۇغدىيى دۆلەتنىڭ ئورگانىك مەھسۇلات ئېتىراپنامىسىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان دېھقانلار بىنەم بۇغدايلىرىدىن سۈپەتلىك ئۇن تارتىپ، بىنەم نانلىرىنى بازارغا سالدى. يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۈچ ناۋاي ۋە بەش ئايالنى بىنەم نانلىرىنى يېقىپ، توپ ۋە پارچە سېتىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار ھەركۈنى 1500دىن ئارتۇق نان يېقىپ، بۇ نانلارنى ئۈرۈمچى، قاراماي، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن سودىگەرلەرگە سېتىپ، بىنەم نانلىرىدىن ئىبارەت خاس كەسىپنى تۇتقا قىلىپ بېيىش يولىغا ئاتلاندى.