ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇخپۇلجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يەنجى ناھىيەسى بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە تۇنجى بولۇپ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئاشكارىلاشنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەتسىز قاتناش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، ئاممىنى قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلىدى.
ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى چوڭ ئەترىتى ئۈندىدار سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتوموبىلنى قالايمىقان توختىتىش، بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، بېزىندە تاقىماسلىق، چىراغلىرى يانمايدىغان ئاپتوموبىل، توكسىكلىتقا قائىدىگە خىلاپ ئادەم سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئاشكارىلىدى ھەمدە قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمى ئىشلەپ، ئاممىنى ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، قاتناش تەرتىپىنى ئورتاق قوغداشقا يېتەكلىدى. ھازىرغا قەدەر بۇ سۇپىدا قائىدىگە خىلاپ قاتناش قىلمىشلىرى 66 قېتىم ئاشكارىلاندى، چېكىلىشى 100 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى.
بۇ ناھىيەدىكى تاكسى شوپۇرى خەي شۆگاڭ مۇنداق دېدى: قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلار ئۈندىدار سۇپىسىدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئاڭلىقلىقى ئۆستى، ئاساسلىقى كوچىلاردا قالايمىقان ئاپتوموبىل توختىتىدىغان قىلمىشلار كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ھازىر ناھىيەمىزدە قاتناش بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك راۋانلاشتى.