كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆيىدە گۈل بېقىشنى ياكى كىچىك تەشتەكلىك گۈللەر ئارقىلىق ئۆي بېزەشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۈگۈن بىز سىلەرگە ئاسما گۈل جازىسى ياساشنى ئۆگىتىمىز.
ئالدى بىلەن، ئارغامچا، تاختاي، توك ئۈشكىسى، سۇلياۋ چىڭىتقۇچ تەييارلىۋالىمىز.
قەلەم بىلەن ياغاچ تاختىغا تۆشۈك تېشىدىغان ئورۇننى سىزىۋالىمىز.
تېشىدىغان ئورۇننى بەلگىلىۋالغاندىن كېيىن، ياغاچ تاختىنىڭ ئارتۇق قىسمىنى كېسىپ ئېلىۋىتىمىز.
ھەر بىر تاختايغا تۆشۈك تەشكەندە رەتلىك، ئوخشاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، بەش پارچە تاختاينى جۈپلەپ، يەرگە قويۇپ توك ئۈشكىسى بىلەن تۆشۈكچە تېشىۋالىمىز.
ئالدى بىلەن تاختاينى مۇقىملاشتۇرىۋالىمىز، ئاندىن تەشتەك پاتىدىغان چوڭلۇقتا چوڭ تۆشۈكچە ئاچىمىز.
بارلىق تەشتەك تۆشۈكچىلىرىنى تېشىپ بولغاندىن كېيىن، تاختاينى جۈپلەپ، ئارغامچنى باشتا تېشىۋالغان كىچىك تۆشۈكچىدىن ئۆتكۈزۈپ چېگىمىز.
تاختاي يۈزىنى سىلىقلايمىز، بولمىسا كۆرۈنۈشى قوپال بولۇپ قالىدۇ.
تاختاي يۈزىنى سىلىقلاپ بولغاندىن كېيىن، گۈل جازىسىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇشقا باشلايمىز، ئارغامچىنى ئۆتكۈزۈپ چەگكەندە مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
گۈل جازىسىنى مۇقىملاشتۇرغان جايغا ئاسىمىز .
سۇلياۋ چىڭىتقۇچ بىلەن تاختاينىڭ ئېگىز-پەسلىكىنى تەڭشەيمىز، دەسلەپتە بىراقلا چىڭىتىۋەتمەيمىز، تاختاي ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن چىڭىتىمىز.
ئاخىرىدا ئۆزىمىز ياختۇرغان گۈللەرنى تىزىپ قويساق بولىدۇ، مانا قاراڭ، ئاسما گۈل جازىسىمۇ پۈتتى.