كەنتتىكى كۆكتاتچىلىق كەسپىي ئائىلىسى نۇرمەمەت تۇرغانباي دۆڭمازار بازىرىدا كۆكتات ساتماقتا. (ئابدۇۋەلى ئەخمىدى فوتوسى)
غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار يېزىسى يۇقىرى ئونيار كەنتى دۆڭمازار بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇ كەنتتىكى 540 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان بۇ يىل كۆكتاتچىلىق، مېۋىچىلىك، گۈلچىلىك قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، قوشۇمچە كەسىپتىنلا 65 مىليون 280 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.