زەنجىۋىل سۈيىدە پۇت چىلاپ بېرىش
قىش پەسلىدە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىلىمان سۇدا چىلاپ بېرىش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ھەيز مەزگىلىدە ئاياللار زەنجىۋىل سۈيىدە پۇتىنى چىلاپ بەرسە، ھەيز ئاغرىقىنى پەسەيتىش رولى بار.
لەيلىمۇننى ئاز يېيىش
قىش پەسلىدە خانىم- قىزلار لەيلىمۇننى كۆپ يەيدۇ، لېكىن ھەيز مەزگىلىدە يېمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ئاچچىق ھەم مايلىق لەيلىمۇن ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ياكى ھەيز بەك كۆپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە خانىم-قىزلار كالا گۆشى، توخۇ گۆشى، ئالقات قاتارلىق مۆتىدىل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ.
تەڭپۇڭ غىزالىنىش
ھەيز مەزگىلىدە تەكشى غىزالىنىش پىرىنسىپىقا ئەمەل قىلىش كېرەك، چۈشلۈك تاماق بىلەن كەچلىك تاماقتا گۆش، تۇخۇم، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، سېرىق پۇرچاق قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ، ھەيز مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق، مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاشقا بولىدۇ. ئىككى تاماق ئارىلىقىدا ياڭاق، مۇقاتىل قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ . كۆكتات، مېۋە، دانلىق زىرائەتلىك يېمەكلىك تەركىبىدە تالا ماددىسى مول بولۇپ، قاندىكى ماگنىي مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەيزنى تەڭشەش رولى بار . ئۇنىڭدىن باشقا، پالەك، خورما، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ قان تولۇقلاشقا بولىدۇ.