تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ساغلام روھىي ھالەت بىزگە ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولسۇن

   ئەگەر بىز گۈزەل چىراي، بەختلىك تۇرمۇش، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت قاتارلىق تۇرمۇشتا ئارزۇ قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان گۈزەل نەرسىلەرنى 0 بىلەن ئىپادىلىسەك بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ساغلام بەدەن، ساغلام روھىي ھالەتتىن ئىبارەت 1 بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇنلىغان 10، 100، 1000...لار پەيدا بولۇپ ھەقىقىي مەنىدىكى ساغلام، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز. دېمەك بارلىق خۇشاللىقنىڭ ئاساسى يەنىلا ساغلاملىق. بۇنى ھەممىمىز ناھايىتى ئېنىق بىلسەكمۇ، لېكىن كۆز ئالدىمىزدىكى بىزنى ئالدىرىتىپ تۇرغان تۈرلۈك ئىشلار تۈپەيلى بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلەلمەيمىز.
   جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلاملىق بىلەن بىللە روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ خىل ساغلاملىقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمىز. شۇنداق بىر كىشىلەر باركى، تۇرمۇشتىن، خىزمەتتىن، بۈگۈنكى جەمئىيەتتىن قاقشايدۇ. باشقىلار ئۆزىدىن ئازراق ئېشىپ كەتسە كەينىدىن گەپ تاپىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قانداقتۇر بىر يامان ئىشلار بىلەن باغلاپ، ئامال بار ئۇنىڭغا قارىتا ياخشى بولمىغان جامائەت پىكرى توپلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىشنى ياخشى تەرەپكە ئەمەس ئىشنىڭ يامىنىغا قاراپ ئويلايدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ نورمال قاراشلىرى ئالىيىۋاتقاندەك، نورمال بولغان گەپ- سۆزلىرى ئۆزىگە قارىتىپ ئېيتىلغان مەسخىرىدەك تۇيۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە گۇمان تۈپەيلى بىر كۈن كەچكىچە كەيپىياتى ناچار ئۆتىدۇ ھەم بۇ خىل ناچار كەيپىياتى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر، خىزمەتداشلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىشلارغا كۆڭۈل ئازادىلىكى، كەڭ قورساقلىق، سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلمىغانلىقتىن كۆپىنچە ۋاقتى ئەنە شۇنداق ئەرزىمەس خىيال ۋە ئىشلارغا سەرپ قىلىنىپ قىلغان ئىشلىرىدا ئۈنۈم بولمايدۇ.
  ساغلام بولغان چېنىقىش، يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، باشقىلارغا قىزغىن، دوستانە مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆز كەيپىياتىنى كونترول قىلالايدىغان بولۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشتە ئېنىق بىر نىشانى بولۇش، كىتاب ئوقۇيدىغان ئادىتى بولۇش ياكى ئۆزىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر قىزىقىشى بولۇش، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ھۆرمەتلەيدىغان بولۇش، قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي شۇ قىيىنچىلىقلارغا باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرالايدىغان ھەم قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە سالماقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز دەۋاتقان روھىي ساغلاملىقنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىپادىسى. بۇ خىل روھىي ساغلاملىق بىزنىڭ پەرزەنتلەرنى تەربىيەلىشىمىز، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشىمىز، ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىمىزدە نەتىجە قازىنىشىمىز، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىمىز ۋە ئۇنىڭ سۈپىتى جۈملىدىن ئىناق ئائىلە، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىمىز ئىلكىمىزدە بار بولغان لېكىن قەدىرلىمىسەك، ئاسرىمىساق ئايرىلىپ قالىدىغان بەدەن ساغلاملىقىمىزغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلەيلى، روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىمىزنى ساپ سەمىمىي قەلبىمىز، كەڭ قورساقلىقىمىز، توختىماي ئىزدىنىشىمىز، قىيىنچىلىقلار ۋە باشقىلارغا تۇتقان مۇئامىلىمىز ئارقىلىق نامايان قىلايلى. ساغلام روھىي ھالەت بىزگە ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولسۇن!

  «شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ