تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئالتە خىل يېمەكلىك

  ئاياللار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا شەخسىي تازلىققا دىققەت قىلىپ، باكتېرىيە ئارقىلىق يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەككىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

پۇراقلىق گۈمبىمەدەك : بالياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، پۇراقلىق گۈمبىمەدەك HPV ۋىرۇسنىڭ ئادەم تېنىگە كىرىشىنى ئالدىنى ئېلىپ، بالىياتقۇ بوينى راكى بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ.

دانلىق زىرائەتلىك يېمەكلىكلەر ۋە لامىنارىيە : سۈت بېزى كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار دانلىق زىرائەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئانىلىق ھورمون قان ئايلىنىش داۋامىدا مۇۋاپىق ھالەتنى ساقلاپ، ئانىلىق ھورموننىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان سۈت بېزى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
   لامنارىيە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يود بولۇپ، مېڭە ئاستى بەز ئالدى ياپرىقىنى غىدىقلاپ سېرىق تەنچە ھاسىل قىلىش ھورمونىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ھەم تۇخۇمدان پۈۋەكچىسى سېرىق تەنلىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورموننى تۆۋەنلىتىدۇ. دائىم لامىنارىيە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈت بېزىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەر : ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەيدۇ.

   ئانىلىق ھورمۇن بولسا ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى مۇھىم جىنسىي ھورمون بولۇپ، ئۇ قاندىكى نورمال ھالەتتىن تۆۋەنلەپ كەتسە، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەم يۈرەكنى قوغداش رولىنى يوقىتىدۇ. دادۇر تەركىبىدىكى ئىزوفلاۋون بولسا بىر خىل ئانىلىق ھورمون ماددىسى بولۇپ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننى تولۇقلايدۇ. ھەر كۈنى 500 مىللىلېتىر پۇرچاق سۈتى ياكى 100 گرامدىن ئارتۇق پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەردىن مەسىلەن پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، دۇفۇ قېقى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەيدۇ.

يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەر: تۇخۇمداننى قوغدايدۇ

   تەكشۈرۈشتە بايقىلىشچە، يېتەرلىك مىقداردا كالتسىي قوبۇل قىلغان ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كالتسىينى ئاز قوبۇل قىلغانلارغا قارىغاندا % 54 ئاز بولغان. چۈنكى يېتەرلىك مىقداردىكى كالتسىي راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تارقىلىشىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى بار يېمەكلىكلەر: بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

   بالىياتقۇ بوينى راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايونلاردىكى ئاياللارنى تەكشۈرۈش داۋامىدا تېنىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى يېتەرسىز بولغان ئاياللاردا ھامىلدار مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ نېرۋا ئەزاسى غەلىتە بولۇش، بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولۇش ئالامىتى كۆرۈلگەن. ئاياللار تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن: ھايۋانات جىگىرى، پالەك، يېسىۋېلەك، قىزىل بۇغداش، كۈدە، بېلىق، تۇخۇم، پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەر، مېغىز قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە بالىياتقۇ بوينى راكى بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ۋە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ