تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سۇنتاغدىكى سۆيۈنۈش

  مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل

  ئېگىز ئۆگزىگە چىقسام،

كۆرۈنىدۇ كېچىڭىز.

قۇرۇلتاينى تەكىتلەپ

سۆيۈندۈردى گېپىڭىز...

  ھەممە كىشى چۈشىنىدىغان قىلىپ ئېيتىلغان بۇ ناخشا 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى كېچىڭىز كەنتىدە ياڭرىدى. بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان كەنت ئاھالىلىرى چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ بىردىن، ئىككىدىن كېلىپ، بىردەمدىلا كەنت پائالىيەت مەركىزىگە يىغىلدى. ئاھالىلەر كېلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ يەردە پارتىيە، قۇرۇلتاي، بەختلىك تۇرمۇش كۈيلەنگەن ناخشا – ئۇسسۇللار ئارىسىدا ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە دائىر 100 سوئال – جاۋاب››تىن مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش ئېلىپ بېرىلدى. دېھقانلار ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى قاچان، قەيەردە ئېچىلدى؟››، ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى نېمە؟››، ‹‹يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچى نېمە؟››، ‹‹گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىشتىكى <تۆت چوڭ تەدبىر> قايسى؟›› دېگەندەك سوئاللارغا تالىشىپ جاۋاب بېرىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۈگۈنكى پائالىيەت دېھقانلارنىڭ چېھرىگە كۈلگە، قەلبىگە سۆيۈنۈش ئاتا قىلدى. دېمىسىمۇ، سۇنتاغ يېزىسىدىكى دېھقانلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالغاندىن بۇيان، قۇرۇلتاي روھىدىن راستىنلا سۆيۈندى.

  سۆيۈنۈشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ سۇنتاغ يېزىسىنىڭ باشلىقى تاجىگۈل مەمەت 11 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئابابەكرى مەمتىمىن يېزىمىزدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىككى قېتىم تەشۋىق قىلدى. ئۇ ئاممىباب تىل، قايىل قىلارلىق مىساللار بىلەن لېكسىيە سۆزلىگەچكە، دېھقانلار قىزىقىپ ئاڭلىدى، بەزى ئاياللار ھەتتا تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىشتى. بۇ يېزىمىزدىكى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ياخشى باشلىنىش بولدى. يېزىمىزدا ئون كەنت، 103 گۇرۇپپا بار. يۇقىرىدىن چۈشكەن 160 كادىر مۇشۇ كەنت، گۇرۇپپىلاردا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەم ئاممىۋى خىزمەتچى، ھەم يەرلىك تەشۋىقاتچى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، ھەممە كىشىنى قۇرۇلتاي روھىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن بۇ كادىرلار رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، دېھقانلار كەچلىك كۇرسى، ئائىلە سۆھبەتلىرىگە قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى سىڭدۈردۇق، يېزىلىق ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ ناخشا، ئۇسسۇل، ئېتۇتلىرىدىمۇ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، تەشۋىقاتنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتۇق. ئويۇن ئارىلىقلىرىدا مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش ئېلىپ بېرىپ، تەشۋىقاتنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇردۇق. شۇڭا دېھقانلار لېكسىيە، ئويۇن، زېھىن سىناش دېسە ‹‹سەھنىگە يېقىن ئولتۇراي›› دەپ بالدۇر كېلىدىغان، ئويۇنلارنى قىزىقىپ كۆرۈپ، سوئاللارغا تالىشىپ جاۋاب بېرىدىغان بولدى. كەنتلەرمۇ ئۆز ئالدىغا يېڭى شەكىللەرنى قوللىنىپ، قۇرۇلتاي روھىنىڭ قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا كۈچىدى. بۇ جەھەتتە ئازغان، تۆكۈل كەنتلىرى سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە تۆكۈل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 – شۇجىسى ئامانتۇر ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە ھازىر خىزمەت ئەترىتى كادىرلىرى ۋە كەنت كادىرلىرىدىن بولۇپ 62 كادىر بار. بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ئاۋۋال كادىرلاردىن باشلىدۇق. قۇرۇلتاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېلېۋىزوردىن قايتا كۆرۈش، قۇرۇلتاي دوكلاتىنى قايتا – قايتا ئوقۇش ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلىدۇق. ئاندىن ئاچقۇچلۇق تېمىلارنى ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارغا تەتبىقلاپ مۇھاكىمە قىلىپ، قۇرۇلتاي روھىنى جانلىق تەشۋىق قىلىشنىڭ يولىنى تاپتۇق. كادىرلار شۇ بويىچە تەشۋىقات تېزىسى تەييارلاپ، ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ لېكسىيە سۆزلەش، كەنت، گۇرۇپپىلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلتاي تەشۋىقاتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا 1400دىن 1600گىچە كىشى قاتنىشىدۇ. مەن قۇرۇلتاي روھىغا ئالاقىدار بەش قېتىم لېكسىيە سۆزلىدىم، لېكسىيەدىن كېيىن مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش ئېلىپ بېرىلدى. دېھقانلار لېكسىيەنى ناھايىتى بېرىلىپ ئاڭلىدى ھەم زېھىن سىناش سوئاللىرىغا تالىشىپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز دېھقانلارنىڭ يادلاش، ئەستە تۇتۇۋېلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق سۆزلەردىن تەشۋىقات ۋەرەقىسى تەييارلاپ، 936 ئائىلە ۋە مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ كۆزنەك ئورۇنلىرىغا چاپلىدۇق. بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. دېھقانلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى توغرىسىدىكى ئاچقۇچلۇق سوئاللارغا دەل، توغرا جاۋاب بەرگەندىن باشقا، ئاچقۇچلۇق تېمىلارنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولدى.

  دەرۋەقە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقنى پارلاق كەلگۈسىگە باشلايدىغان ئىلھامبەخش روھى بۇ يېزىدىكى كادىرلارنىمۇ، دېھقانلارنىمۇ سۆيۈندۈردى. تۆكۈل كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دېھقان مۇرەسسەچى ئابلەت ياسىن قويۇن يانچۇقىدىن ‹‹شىنجاڭ دېھقانلار گېزىتى››نى چىقىرىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ گېزىتكە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر ھەم قۇرۇلتاي دوكلاتى بېرىلگەن. مەن 40 نەچچە يىل كەنتتە ئىشلىدىم. ياش ۋاقتىمدىلا پارتىيەگە ئەزا بولۇپ كىردىم. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ مېنىڭمۇ بۇرچۇم. شۇڭا بۇ گېزىتنى يېنىمدىن ئايرىماي، قۇرۇلتاي دوكلاتىنى داۋاملىق ئۆگىنىۋاتىمەن. دېھقانلىرىمىزمۇ سۆيۈنۈش ھېسسىياتى بىلەن قۇرۇلتاي روھىنى داۋاملىق ئۆگىنىۋاتىدۇ. چۈنكى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشمۇ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ يەنە بىر شەكلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ