تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى 27–قېتىملىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ 2017 – يىلىدىكى 27 – قېتىملىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش تېزىسى›› ۋە ‹‹پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە ۋە چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئۈلگە بولۇپ ئۆگىنىش، ئالدىن ئۆگىنىش، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىپ چۈشىنىش، بىلىش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسلىق شەكلى قىلىپ، نۇقتىلىق سۆزلەش ۋە كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىش، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش ۋە سىستېمىلىق ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز پارتىيە ياچېيكىلىرىدا ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، قاراتمىلىقى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بىلەن، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش بىلەن، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش›› باش تېمىسىدىكى مەخسۇس تەربىيە بىلەن، ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى يېڭى دەۋردە يېڭى ئورۇندا تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ يېڭى دەۋردە يېڭى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى؛ يېڭى دەۋردە يېڭى بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى باشتىن – ئاخىر كۈرەش نىشانى قىلىشى؛ يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئاممىغا چىن ئەقىدە باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جۈرئەتلىك بولۇشى كېرەك؛ يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك؛ يېڭى دەۋردە يېڭى سەھىپە يارىتىپ، شەخسنىڭ غايىسى، ئىنتىلىشىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى