تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزدى

 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى غەربىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى غەربىي كۆكتاتچىلىق بېغى كەنتىدىكى كادىرلار تېز تېمپا ئارقىلىق، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. لى خۇا فوتوسى

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزدى.

  مۇتەخەسسىسلەر قۇرۇلتاي روھىنى ئەتراپلىق، يېشىپ چۈشەندۈرۈپ تەشۋىق قىلدى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى ئىقتىساد ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فېڭ خەي ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتەيلى›› دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيەدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھى، مەزمۇنى زىچ چۆرىدىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۈرەش نىشانى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ۋەزىپە، تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى. لېكسىيەنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەندى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى ساڭ جيەنگاڭ مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىس، ئالىملار دىققىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا سىستېمىلىق چۈشەندۈرگەچكە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈردۇق. داۋانچىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى، سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى، بىز بۇنىڭدىن كېيىن تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى ياخشى قاندۇرۇپ، تىرىشىپ ‹‹تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش گاز يېقىلغۇغا ئۆزگەرتىلگەن، يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، ئاسمىنى كۆك، شەھىرى گۈزەل بولۇش›› نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلايمىز.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى جانلىق، تەسىرلىك تەشۋىق قىلدى

  قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئىتوت ئورۇنلاش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ساغلاملىق – گۈزەللىك گىمناستىكىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش... ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرى بوستان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يېقىندىن بۇيان تەشۋىقات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىباب، مېغىزلىق چۈشەندۈرۈپ، قۇرۇلتاي روھىنى يېزىلاردا يىلتىز تارتقۇزدى.

  11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى مەزكۇر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خا لىنلىن مۇنداق دېدى: مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بۇ پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قۇرۇلتاي روھىنى چۈشىنىشلىك، جانلىق، تەسىرلىك تەشۋىق قىلىپ، پۇختا ئىگىلەتتۇق.

  خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى››نى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، بايىلا ئالتە كىلومېتىر ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەنت ئاھالىسى مەخسۇت مەخمۇت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇنداق مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپرەك چېنىقىپ، ساغلام بولۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىمەن.

  خىزمەت ئەترىتى يەنە خەلق سەنئەتكارلىرى، شېئىر ھەۋەسكارلىرىنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇردى. يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشقا بولىدىغان ياخشى سىياسەت توغرىسىدا كەنت ئاھالىسى مەخمۇت ئەلى ئەر – خوتۇن شېئىر – قوشاق يېزىپ، پارتىيەنى كۈيلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. مەخمۇت ئەلى مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەممە جەھەتتە بىز دېھقانلارنىڭ غېمىنى يەۋاتىدۇ، مەن تېخىمۇ كۆپ شېئىر – قوشاق يېزىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىمەن.

  مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دوكلاتنى ئۆگەندى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى

  يېقىندا شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچى كۆكتاغ رايونى چاڭسەنزى بازىرى سەنگېجۇاڭزا كەنتى ۋە شىنجاڭزى كەنتىگە كېلىپ، ‹‹ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، يېزا – كەنتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش›› ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئوقۇغۇچىلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇپ، پارتىيە دەرسى ئاڭلاپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، دېھقانلار بىلەن بىللە غىزالىنىپ، ئەمگەك قىلىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان كۆكتاتلارنى ئىنچىكە پىششىقلاش تەتقىقات بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى نەق مەيداندا ھېس قىلىشتى.

  ئىككى سائەتكە يېقىن پارتىيە دەرسى ئۆگىنىشىدە بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋېن شىنچېڭ چاڭسەنزى بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىپ ئالاھىدە كىچىك بازار ۋە گۈزەل يېڭى كەنت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى خىزمەت تەپەككۇرىنى تونۇشتۇردى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچى لياڭ يەننى مۇنداق دېدى: جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېزا – كەنتلەرگە كۆپرەك بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، خىزمەتنى ئاساسىي قاتلامدىن باشلاشنى، نەزەرىمنى كۆپرەك يېزا – كەنتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشنى ئويلىدىم. بىز باش شۇجىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىقتىدارىمىزنى ئاساسىي قاتلامدا نامايان قىلىپ، تىرىشساقلا، يېزا – كەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  (مۇخبىرلىرىمىز لۇ فېڭباۋ، جاۋ چۈنخۇا، مايگۈل ئېيتقازى، پىراكتىكانت ۋاڭ تىڭتىڭ، ياڭ جيەنرۇڭ، ما ئەننى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ يۈنفېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى