
خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كۆكتاتچىلارغا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلماقتا.
ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چۆچەك شەھرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرىدىكى كۆكتات پارنىكى ئەڭ يېقىشلىق دەرسخانا بولۇپ قالدى. چۆچەك شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەمگەك قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق دېھقانلارغا چۈشەندۈردى ھەم دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزدى.