تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا> ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە يەتكۈزۈلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 11- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا> ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنى ئۆگىنىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئۆتكەن بەش يىللىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاتاكا سىگنالى چېلىندى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا، ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپتىكى ئىسلاھاتنى داۋاملىق بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، زور بىر تۈركۈم ئىسلاھات نەزەرىيەۋى نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئاساسلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن بېكىتىلىپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىنىپ، پايدىلىق شارائىت يارىتىلدى. ئسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات غەيرىتىنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىسلاھات روھى، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىسلاھات تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باش نىشانىدا، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىسلاھات قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، داۋاملىق كۈچەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دىققەتنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان ئىسلاھات لايىھەلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، تۈرمۇ تۈر تەرتىپكە سېلىپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تېزدىن باشلاپ، تېخى تاماملانمىغانلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بولۇنغانلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەت سالمىقى ۋە سىجىللىقىنى ساقلاش كېرەك. تۆتىنچىدىن، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىرىنچى قول رەھبەر بىۋاسىتە تۇتۇش، باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شۇ رايون، شۇ تارماقنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاشتا؛ ھازىرقى زامان جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ تونۇشقا ۋە چۈشىنىشكە يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلار ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومى، 1- تومىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئېتىقاد بىلەن ئۆگىنىش، ھېسسىيات بىلەن ئۆگىنىش، بۇرچ بىلەن ئۆگىنىش، مەسىلىنى چۆرىدەپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى جەۋھىرى ۋە يادرولۇق مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش كېرەك. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەتبىقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ زور سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. تۆتىنچىدىن، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگىنىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنى مۇھىم ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، پارتىيەلىك كادىرلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتلىرى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنى تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تېما تۈزۈپ، سىستېمىلىق تەربىيەلىشى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنى نەزەرىيە ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى قىلىپ، دەرسلىككە، دەرسخانىغا، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشى، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئومۇميۈزلۈك تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بەشىنچىدىن، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتەك ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش قىلىشنى خالاش، ھەقىقىي ئىش قىلىش ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىش قىلىش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى