تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشنى، ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا مۇجەسسەملەشنى، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەكىتلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت – دىن، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكىلەرگە ئاچقان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە يىغىنىدا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كونسۇلتاتسىيە قىلىپ تەشۋىق قىلدى. شاۋكەت ئىمىن مۇنداق تەكىتلىدى: نۆۋەتتە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى، قاتلامغا ئايرىلغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئۆگىنىش – تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى بىرلىك سەپ سىستېمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ سىستېمىسىدا يىلتىز تارتىشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم تىيانشان رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلام مەھەللە ئاھالە كومىتېتلىرىدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلدى. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىدىن ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش، شەھەر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ ئىش››نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، سۈپەت تەلىپىگە ئەھمىيەت بېرىپ، قايسى ئىشنى چىڭ تۇتسا شۇ ئىشتا نەتىجە قازىنىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ لى شۆجۈن 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئورگىنىدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىياسىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹ئۈچ مۇلازىمەت›› سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە نىزامنامىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكىلەرگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئون يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش›› تەلىپى بويىچە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلىپىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل، كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››قا قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىنىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇقىملاشتۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پارتىيە مەكتىپى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى بارلىق كادىرلارغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ما شۆجۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي خىزمەتنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يېزىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن 11 – ئاينىڭ 10 – ، 21 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىكىلەرگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. تيەن ۋېن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكىلەر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك؛ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۆزى ئالاقە باغلىغان شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر پەن – تېخنىكىسى ئىنستىتۇتى، ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىغا بېرىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر ئەۋلاد ياشلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كىشىلىك ھاياتىدىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يادروسى، خەلقنىڭ داھىيسى باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى سارقىت ئاقان ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا، مەكتەپ، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، تەشۋىقاتنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى سانجى زېمىنىدا تارقىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ‹‹مىخ قېقىش روھى›› بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى