تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   دېلو تەھلىلى

ئۈندىداردىكى ‹‹قىزىل بولاق››نى ئېلىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ

  مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت

  يېقىندىن بۇيان ئۈندىداردا ‹‹قىزىل بولاق›› تالىشىش ئويۇنلىرى قىزىيدىغان بولدى. نۇرغۇن كىشى كۈچىمەيلا ئاسان پۇل تاپىدىغان ئىشنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بىكارلىق ‹‹قىزىل بولاق››نىڭ يوقلۇقىنى بىلسىمۇ، يەنىلا پۇلنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن بىلىپ – بىلمەي بۇنداق ئويۇنلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ يىل 5 – ئايدا ئەنۋەر قاتارلىق بىر نەچچە كىشى ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، ئۈندىدار توپىدا ‹‹مىناغا دەسسەش›› دەپ ئاتىلىدىغان ‹‹قىزىل بولاق›› تالىشىش ئويۇنىغا قاتنىشىپ، نەچچە مىڭ يۈەننى ئۇتتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان.

  يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ لەييۈەن ج خ تارماقلىرى دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 170 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان ئۈندىداردا ‹‹قىزىل بولاق›› ئېتىپ قىمار ئويناش دېلوسىنى پاش قىلغان. ساقچىلارنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ خىل قىمار ئويناش ئۇسۇلى ‹‹مىناغا دەسسەش›› دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ خىل ‹‹قىزىل بولاق›› تالىشىش ئويۇنىدا نۆلدىن توققۇزغىچە بولغان خالىغان بىر سان ‹‹مىنا نۇقتىسى›› قىلىپ بەلگىلىنىدىكەن، كىم تالىشىپ ئېلىۋالغان ‹‹قىزىل بولاق›› سوممىسىنىڭ ئاخىرقى خانىسى ‹‹مىنا نۇقتىسى›› بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسا، ‹‹مىناغا دەسسىگەن›› ھېسابلىنىپ، ئالدىن كېلىشىۋالغىنى بويىچە ‹‹قىزىل بولاق›› سوممىسىنى ھەسسىلىگەندىن كېيىن توپ ئەزالىرىغا قايتۇرۇپ ئاتىدىكەن. مەسىلەن: ‹‹قىزىل بولاق›› ئاتقۇچى ‹‹مىنا نۇقتىسى››نى سەككىز، تۆلەم نىسبىتىنى 1.5 ھەسسە دەپ بېكىتىپ، 200 يۈەن ئاتسا، مەلۇم بىر ‹‹قىزىل بولاق›› تالاشقۇچى 10.8 يۈەنلىك ‹‹قىزىل بولاق››قا ئېرىشكەن بولسا، ‹‹مىناغا دەسسىگەن›› ھېسابلىنىپ، 200 يۈەننى 300 يۈەن قىلىپ توپ ئەزالىرىغا قايتۇرۇپ ئاتىدىكەن. ‹‹قىزىل بولاق›› ئېتىشقا چەك قويۇلمايدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى بىرلا ۋاقىتتا ‹‹قىزىل بولاق››نى ئاتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدىكەن. بۇ خىل ئويۇننى تەشكىللىگەن توپ باشلىقى ‹‹قىزىل بولاق›› ئالالايدىغان، قايتۇرۇپ ئاتمىسىمۇ بولىدىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولغاچقا، ساختىلىق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ قىسقىغىنا ئۈچ ئاي ئىچىدە 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان.

  لەييۈەن ج خ تارماقلىرى ئۈچ ئاي تەكشۈرۈپ بۇ توپ باشلىقىنىڭ نەچچە مىڭ ئۈندىدار توپى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ خىل ئويۇندا نۇرغۇن كىشى كۆپ پايدىنى قوغلىشىپ، بىر قېتىمدا 500 يۈەنلىك ‹‹قىزىل بولاق›› ئاتىدىكەن. ئون قېتىم ‹‹قىزىل بولاق›› ئاتسا، توققۇز قېتىم ئۇتتۇرۇپ، بىرەر قېتىم ئۇتىدىغان بولغاچقا، ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئازراق پۇل ئۇتقاندىن باشقا، نۇرغۇن كىشى بىر كېچىدىلا نەچچە ئون مىڭ يۈەننى ئۇتتۇرىۋېتىدىكەن.

  ج خ تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ‹‹قىزىل بولاق›› تالىشىدىغان ئۈندىدار ئويۇنلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن، مەيلى قايسى خىل شەكىلدە بولسۇن، بۇ خىل قىمار ئويۇنىدىمۇ باشقا قىمار ئويۇنلىرىغا ئوخشاشلا ساختىلىق قىلىش يۇمشاق دېتالى ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرگىز ئۇتقىلى بولمايدىكەن. ئويۇننى باشتىن – ئاخىر كونترول قىلغىلى بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ توزاققا چۈشكىنى چۈشكەن ئىكەن.

  شىنجاڭ ‹‹قوش تىل›› ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن مەمەت ئوسماننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹قىزىل بولاق›› تالىشىش ئويۇنىنىڭ قىمارغا كىرىدىغان – كىرمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئاساسلىقى تەشكىللىگۈچىنىڭ ئوتتۇرىدا پايدا ئالغان – ئالمىغانلىقى ياكى ئويۇندا پايدا – مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ بار – يوقلۇقىغا قاراش كېرەك ئىكەن. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا ئادەم يىغىپ قىمارغا تەشكىللىگەن ياكى قىمارنى ئاساس قىلغان ئويۇن تەشكىللىگەندە، جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان بولىدىكەن. پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ‹‹قىزىل بولاق›› تالىشىش بىر خىل يېڭى تىپتىكى قىمار شەكلى بولۇپ، توپ ئىگىسىنىڭ قىلمىشى ئادەم توپلاپ قىمار ئويناش بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ھېسابلىنىدىكەن. توپ ئەزالىرىنىڭ ‹‹قىزىل بولاق›› تالىشىش ھەرىكىتىمۇ قىمارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىپ، ئامانلىق ئىشلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ