تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۈرۈك يۇرتىدىكى ھەر مىللەت خەلققە تەشۋىق قىلىمەن››

  مۇخبىرىمىز گۈلزار مۇھەممەد

  ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. بۇنىڭدىن كېيىن ھەممەيلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىك يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەكلا، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ››.

  ‹‹ئادەتتىكى دېھقاندىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا، ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىدىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇشقىچە پارتىيەنىڭ ئىزچىل غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلمىدىم. بېيجىڭدا قۇرۇلتايغا قاتناشقان مەزگىلدىكى ھەر بىر ئىش ئېسىمدىن چىقمايدۇ، ھەر بىر مەنزىرە مېنى تەسىرلەندۈردى، بولۇپمۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى مېنى ئىنتايىن روھلاندۇردى››.بۇ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ خۇدىيايۈزى بازىرى گەمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يۈەنمىننىڭ 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى غۇلجا ناھىيەسىدە كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تېمىسىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسى. ئۇ كۆپچىلىككە بىر تەرەپتىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان چاغدىكى تەنتەنىلىك ئەھۋالنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

  لى يۈەنمىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، 10 – ئاينىڭ27 – كۈنى كەنتىگە قايتىپ كەلدى. شۇ كۈنى كەچتە گەمە كەنتىدىكى دېھقانلار كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بالدۇرلا يىغىلىپ، ئۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانىدى. لى يۈەنمىن كەنت ئاھالە كومىتېتى دەرۋازىسىدىن كىرىشىگە، كۆپچىلىك ئۇنى ئورىۋېلىپ ‹‹جەمىلە، سىز بىزنىڭ پەخرىمىز›› دېيىشكىنىچە ئۇنى دېھقانلار كۇلۇبىغا باشلاپ كىردى. لى يۈەنمىن كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئەھۋالىنى بىلىشكە تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ھاردۇق ئالمايلا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز پۇقرالارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، يەر ھۆددىگەرلىكى سىياسىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردە بىزنىڭ غېمىمىزنى يېدى. بىر مەقسەتتە تىرىشساقلا، ھەممىمىز ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز. ئۇنىڭ سۆزلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار يەنە لى يۈەنمىنغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىنىسى مۆمىنجان قۇرباننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، يېرىم كېچىگىچە لى يۈەنمىن بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى.

  غۇلجا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئاسىيە ئايۇپبەگ مۇنداق دېدى: لى يۈەنمىننىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشى غۇلجا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەرىپى، بىز ئۇنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاددىي، چۈشىنىشلىك سۆزلىرى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، ئۈرۈك يۇرتىدىكى ھەر مىللەت خەلققە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرىمىز. لى يۈەنمىننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان خۇدىيايۈزى بازىرى گەمە كەنتىدىكى مىرزىئەخمەت تۇرغان مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەر ھۆددىگەرلىكى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ‹‹يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ، دېھقانلارنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇق – مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ›› دېيىلگەن مەزمۇنلار بىزنىڭ بېيىشقا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپىمدىكى دېھقان – چارۋىچلارغا يەتكۈزىمەن.

  گەمە كەنتىدىكى بانەمگۈل ئىسمايىل مۇنداق دېدى: لى يۈەنمىن بىز ئاياللارنىڭ پەخرى. ئۇ بىزگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلىدى. ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى. يەر تېرىساق ياردەم پۇلى، داۋالانساق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، ئىلگىرى كەنتىمىزدە يەسلى يوق ئىدى، ھازىر كەينى – كەينىدىن ئىككى يەسلى قۇرۇلۇپ، بالىلار ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بولدى. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىمىز.

  ھازىرغا قەدەر، لى يۈەنمىن غۇلجا ناھىيەسىدىكى يېزا – بازارلاردا 12 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. لى يۈەنمىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۈرۈك يۇرتىدىكى ھەر مىللەت خەلققە تەشۋىق قىلىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇقرالارغا تولۇق سۆزلەپ، ئۇلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتايدا پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى تولۇق يەتكۈزىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن كەنتتىكىلەرنى يېتەكلەپ، بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل