
روشەنگۈل توختى سائەت 11:25 ئۆتكەندە خادىملارنىڭ يۇقىرىغا يوللايدىغان ماتېرىيالىنى كۆرمەكتە.
ئۆز خەۋىرىمىز: 14-نويابىر، مۇخبىرىمىز فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى روشەنگۈل توختىنىڭ بىر كۈنىنى خاتىرلىدى. روشەنگۈل توختى ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ گۇاڭجۇ يولى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى.
ئۇ بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىزچىل 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ، دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى ئاممىغا تېخىمۇ ئاممىباب تىلدا، جانلىق مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ، دوكلات روھىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلدى. روشەنگۈل توختى مۇنداق دېدى: بۈگۈن مېنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قۇرۇلتاي روھىنى 17-قېتىم تەشۋىق قىلىشىم، لېكسىيە تېكىستىنى بەش، ئالتە خىل تەييارلايمەن، ئوخشاش بولمىغان كىشلەر توپىغا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە دوكلات روھىنى يەتكۈزىمەن، ھازىرغىچە ئورگان، قىسىم، مەھەللە، كارخانا، مەكتەپ، دوختۇرخانىلاردا قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدىم، بۇ جەرياندا ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرمىدىم. تەشۋىقاتنى دەسلەپ باشلىغاندا بىر كۈندە ئۈچ مەيدان لېسكىيە سۆزلەيتتىم، يېشىم چوڭىيىپ قالغاچقا ئاخىرىغا كەلگەندە ئاۋازىممۇ پۈتۈپ كېتەتتى.
مۇخبىرىمىز روشەنگۈل توختىنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا خېلىلا چارچىدى، 50 نەچچە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئايال پارتىيە ئەزاسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. روشەنگۈل توختىغا ئوخشاش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلىۋاتقان، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ، جان - دىل بىلەن خەلققە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا ئالقىش ياڭرىتىمىز.

روشەنگۈل توختى سائەت 11:30 ئۆتكەندە مۇخبىرىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. دەل شۇ چاغدا قوراللىق ساقچى مەلۇم قىسىمىنىڭ كادىرى روشەنگۈل توختىنى قىسىمغا بېرىپ قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ كەلدى.

روشەنگۈل توختى سائەت 15:45 ئۆتكەندە چۈشلۈك تامىقىنى ھاپىلا-شاپىلا يەپ بولۇپ، «جىنفېن» پەن-تېخنىكا گۇرۇھىغا كەلدى. سۈرەتتە ئۇ شۇ كۈنلۈك لېكسىيەسىنىڭ بەزى نۇقتىلىرى ھەققىدە خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

روشەنگۈل توختى سائەت 16:00دە تەشۋىقات پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

روشەنگۈل توختى سائەت 16:32 ئۆتكەندە لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن سەھنىگە ماڭماقتا.

روشەنگۈل توختى لېكسىيە سۆزلىمەكتە.

روشەنگۈل توختى سائەت 18:38 ئۆتكەندە خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى. سۈرەتتە ئۇ سەل بىئارام بولۇپ دورا يېمەكتە.

روشەنگۈل توختى ئۆزى ئەزا بولغان 70 تىن ئارتۇق پارتىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ جامائەت ئۈندىدار سالونىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرمەكتە.

روشەنگۈل توختى سائەت 18:58 ئۆتكەندە ئىشخانىسىدا گېزىتخانا مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

روشەنگۈل توختى سائەت 19:14 ئۆتكەندە مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن كەچلىك تەكشۈرۈشكە چىقىشقا تەييارلانماقتا.

گۇاڭجۇ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا روشەنگۈل توختىنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تەشۋىقاتىدىكى كارتون ئوبرازى تىزىپ قويۇلغانىدى.

روشەنگۈل توختى سائەت 20:00دە كەچلىك تاماقنىمۇ ئۇنتىغان ھالدا تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىمەكتە.