تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزايلى

  ـــ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى

  يېقىندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىل، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى.

  ئالتاي ۋىلايىتى: ئۆزگىچە تەشۋىق قىلىش ئەترىتى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەشۋىق قىلدى

  ئالتاي ۋىلايىتى تۆت بەنزىنىڭ رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى››نى يېزا – بازار، مەيدان، مەكتەپ، ئورگان، مەھەللە، ھەربىي گازارما، سودا ساراي ۋە ئادەم زىچ جايلارغا ئەۋەتىپ، دۆلەت تىلى ۋە قازاق تىلىدا تەشۋىقاتنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىقات تاختىسى، رادىيو، كاناي، LED ئېلېكتىرونلۇق ئېكران قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەممە يېرىگە يەتكۈزدى. 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتى ئاساسىي قاتلامدا تەشكىللىگەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدىكى يۈزتۇرا تەشۋىقاتنى ئاڭلىغانلار 300 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى.

  ئالتاي ۋىلايىتى ‹‹ئالتاي چوڭ دەرسخانىسى›› سىن چاستوتىسى، تەشۋىقات تايانچلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى، ‹‹دۆلەت بايرىقى ئاستىدا تەشۋىق قىلىش››، تاراتقۇلار زىيارىتى، ئۈندىدار ۋە مىكرو بىلوگ قاتارلىق تەشۋىقات سۇپىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى نوپۇزلۇق تەشۋىق قىلىش، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر ئۈلگە كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلىش، ۋىلايەتتىكى تۆت بەنزىنىڭ رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىش، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ئاساسىي قاتلامدا تەشۋىق قىلىش، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى غوللۇق نەزەرىيە كادىرلىرى ئاممىباب تەشۋىق قىلىش، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلاردىكى ‹‹1000 كىشىلىك تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى››، ‹‹ئۆزگىچە تەشۋىق قىلىش ئەترىتى›› ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇل ۋە شەكىللەرنى قوللاندى، بولۇپمۇ پېشقەدەم كادىرلار تەشۋىق قىلىش ئەترىتى، ئاتلىق تەشۋىق قىلىش ئەترىتى، ئاقىنلار تەشۋىق قىلىش ئەترىتى، ئىلغار – نەمۇنىچىلەر تەشۋىق قىلىش ئەترىتى، مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى تەشۋىق قىلىش ئەترىتى، مېھرىبان ئانىلار تەشۋىق قىلىش ئەترىتى، ئامما ئارىسىدىكى سۆزمەنلەر تەشۋىق قىلىش ئەترىتى قاتارلىق ئۆزگىچە تەشۋىق قىلىش ئەترەتلىرىنى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلارغا، ئېتىز – ئېرىق بويلىرىغا، چېگرا ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىش، نۇقتا ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى: سەييارە تەشۋىق قىلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملىدى

  ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى سەييارە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى ئورگان، يېزا، كارخانا، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەينەن، ئەسلىي مەزمۇن بويىچە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلىدى.

  سەييارە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ‹‹ھەمتۈرتكە شەكلى›› ۋە ‹‹زىيارەت قىلىش شەكلى››دە تەشۋىق قىلىپ، ئامما ئاسان چۈشىنەلەيدىغان، ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان سۆزلەر ئارقىلىق قانداق كۆرۈش، قانداق ئۆگىنىش، قانداق قىلىشنى تولۇق، چوڭقۇر، ئەتراپلىق چۈشەندۈردى. تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يىغىن مەيدانىدا تەشۋىق قىلغاندىن سىرت، يېزا، مەھەللە ۋە كارخانىلارغا بېرىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق كاللىنى قانداق قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە قانداق يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەشۋىق قىلدى ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى.

  توقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جياچۈن مۇنداق دېدى: ئۈلگىلىك تەشۋىقاتنى ئاڭلاپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ جەۋھىرى ۋە مەزمۇنى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر، ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولدۇق، بۇ، ناھىيەمىزنىڭ تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدە يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا، ناھىيەدىكى ھەر قايسى كەسىپ، ھەر قايسى سىستېمىدىكى غوللۇق تەشۋىقاتچىلارنى تەشكىللەپ، كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، ھەربىي گازارمىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ناخشا – مۇزىكا، ئېتوت، شېئىر دېكلاماتسىيەسى، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرىمىز.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: تەشۋىق قىلىشنىڭ شەكلى مول، رەڭدار بولدى

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى لېكتورلار ئۆمىكى، ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، ئوبلاستلىق سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىدىكى لېكسىيە سۆزلەش تەجرىبىسى مول مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنى ناھىيە، شەھەر، سانائەت رايونى، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلارغا ئەۋەتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلدى.

  ناھىيە – شەھەرلەر ئاساسىي قاتلامدىكى غوللۇق تەشۋىقاتچىلارنى تەشكىللەپ، تەشۋىق قىلىش كىچىك ئەترىتى قۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى كەنت – مەھەللىلەردە مەركەزلەشتۈرۈپ ئۈلگىلىك تەشۋىق قىلدى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، يېزا – كەنت كادىرلىرى ‹‹كادىرلار دەرسخانىسى››، ئاساسىي قاتلام تەشۋىق – تەربىيە يىغىنى، دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى، دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى ئاستىدا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى باش تېما قىلىنغان تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى ۋە ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىل، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يەنە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن قوللاش، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش، ئىزاھلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ساھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا يەشمە خاراكتېرلىك نەزەرىيەۋى ماقالىلەرنى پائال يېزىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئوخشىمىغان قاتلامدىن يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم بەردى.

  (گېزىتىمىزنىڭ ئالتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن دۇ پېڭفېي، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن مىڭ ۋېنتۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى