تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مايتاغ نېفىت–خىمىيە سانائىتى شىركىتى ئىسلاھات ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇردى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئوبۇلقاسىم قادىر، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى جىچياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مايتاغ نېفىت – خىمىيە سانائىتى شىركىتى ‹‹مەنبە، ئىختىساس ئىگىلىرى، يېڭىلىق يارىتىش››تىن ئىبارەت ئىسلاھات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، باش نىشاننى مەركەز قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئىلگىرى سۈردى. 2013 – يىلىدىن بۇيان، بۇ شىركەت پىششىقلىغان نېفىت 38 مىليون توننىغا، ئىشلەپچىقارغان ئېتىلېن 6 مىليون توننىغا يېتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يىلسېرى ئاشتى. شىركەت 2017 – يىلى9 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 4 مىليارد 100 مىليون يۈەن پايدا ياراتتى.

  ئۆتكەن بەش يىلدا، خەلقئارادا نېفىت باھاسى مۇقىم بولماسلىق، دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش، نېفىت – خىمىيە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج كېمىيىش، نېفىت مەنبەسى يېتىشمەسلىكتەك بىر قاتار قىيىنچىلىقلارغا قارىتا شىركەت پارتكومى قىيىنچىلىقنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ قاراپ، ھەر تەرەپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇدا تۆت يىل ‹‹مەملىكەت بويىچە ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيە ئۈنۈمدارلىقىدىكى باشلامچى كارخانا››، ‹‹جۇڭگو نېفىتچىلىكى بويىچە نېفىت ئايرىش ۋە ئېتىلېن كەسىپلىرى بويىچە ئۈلگىلىك كارخانا›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

  مايتاغ نېفىت – خىمىيە سانائىتى شىركىتى پارتكومى خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ ‹‹ئىشلەپچىقىرىشنى ئەلالاشتۇرۇش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى››دىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مۇقىملىق خىزمىتىنى تەڭ تۇتۇپ، ئىناق، مۇقىم، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ياراتتى.

  مايتاغ نېفىت – خىمىيە سانائىتى شىركىتى پارتكومى ئۈنۈمنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، مۇھىت ئاسراش ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان سېلىنمىنى زورايتىپ، ‹‹ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق››تىن ئىبارەت تەرەققىيات قارىشىنى ھەربىر ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇردى. نەتىجىدە، بۇ شىركەتتىكى 13 مىڭغا يېقىن ئىشچى – خىزمەتچى بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاتموسفېرا، تۇپراق ۋە سۇنى بۇلغىماسلىقتىن ئىبارەت مۇھىت قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، كاتالىزلاش مۇنارىنىڭ تۈتۈنى تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت ۋە چاڭ – توزاننى سۈزۈش، تېرموئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كاتولىنى ئۆزگەرتىش، باكتا پەيدا بولىدىغان قىسمەن بىرىكمە گازنى بىر تەرەپ قىلىش، خىمىيە سانائىتى داشقاللىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشلىرىنى تاماملاپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك مۇھىت بەرپا قىلىشقا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشۇپ، مەملىكەت بويىچە ‹‹مۇھىت بىلەن دوست كارخانا›› دېگەن شەرەپنى قولغا كەلتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ