تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

قەلبىڭىز ئۆزىڭىزگە تەۋە بولسۇن

   ئادەمنىڭ قەلب دۇنياسى ئۆزىگە تەۋە بولۇشى كېرەك، يەنى، قەلب دۇنياسى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولۇشى كېرەك. سىرتتىكى شەيئىلەر ۋە ئادەملەرنى تاماشا قىلىشقا، ياخشى كۆرۈشكە بولىدۇ، ئەمما، ئۆزىڭىزنىڭ قەلبى يەنىلا  ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولۇپ، ئۆزىڭىزگە تەۋە بولىدۇ.

   ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلالايدىغان ئارزۇسى بولۇشى كېرەك. بىر ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى باشقىلارغا تاينىش سەۋەبىدىن بولماسلىقى ھەم باشقىلار ئۈچۈن بولماسلىقى كېرەك. ئادەم بىر مۇستەقىل يەككە تەن. باشقىلانىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشىڭىز ئۆز قەلب چەمبىرىكىڭىزنىڭ سىرتىدا يۈز بېرىدىغان ئارتۇقچە تەقدىم قىلىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بارلىقىدىن خۇش بولىسىز، يوقلۇقىدىن ئازابلىنىسىز. ئەمما، ئۆزىڭىز ئويلىغاندەك بولۇشى كېرەك.

  ئادەم كۈچلۈك جاسارەت ۋە ئىرادىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئادەم ئۆزىنىڭ قەلبىدىن ئىنتايىن ئاسانلا بىر يوچۇق ئېچىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ تۇيغۇسىنى ئەكىرىپ، ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىنى چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا (باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىكىگە ھەتتا سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا) ئۆزىنى يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    ئادەم ئۆزىنى كۈچلەندۈرگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ خۇشال بولالايدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرەلمىسىڭىز، باشقىلارغا تايىنىشنى كۈتۈپ تۇرىسىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى كۆرۈشى، غەزەپ-نەپرىتى، ھەسرەت ۋە خۇشاللىقلىرىڭىز باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ ئىلتىپاتىغا موھتاج بولۇپ قالىسىز. باشقىلار سىزنى خۇش قىلسا ئاندىن خۇشال بولالايسىز، باشقىلار سىزنى ئازابلىسا، پەقەت ھەسرەت چېكىپلا قالىسىز. ئەگەر قەلبىڭىزنى كۈچلەندۈرسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى كۆرۈشى، غەزەپ-نەپرىتى، ھەسرەت ۋە خۇشاللىقلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز كونترول قىلالايسىز. پەقەت خالىسىڭىزلا خۇشال بولالايسىز.

  ئۆز قەلب دۇنيارىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە تەۋە بولۇشىنى، كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

«تەرمىلەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

پىراكتىكانت سۈرىيە راشىدىن تەييارلىغان

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ