19-نويابىر، چىلى سانتىياگودىكى بىر بېلەت تاشلاش نۇقتىسىدا خىزمەتچى خادىملار بېلەتلارنى سانىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: چىلىنىڭ زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى 19-نويابىر ئۆتكۈزۈلدى، سايلامدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 14 مىليون 350 مىڭ سايلىغۇچى بىۋاسىتە بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ، پارلامېنتنىڭ 23 ئالىي پالاتا ئەزاسى ۋە 155ئاۋام پالاتا ئەزاسىنى سايلىدى. بېلەت تاشلاش شۇ يەر ۋاقتى 19-نويابىر سائەت 18:00دە ئاياغلاشتى. چىلى سايلام مۇلازىمىتى ئىدارىسىنىڭ 19-نويابىر ئېلان قىلغان دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە زۇڭتۇڭ سايلىمى بېلىتىنىڭ %53.05 ى جەملىنىپ بولۇنغان، ئوتتۇرا ئوڭ قانات ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى «چىلى ئالغا» پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق زۇڭتۇڭ پېنىرا %36.66 ئاۋاز بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.