تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون رەھبىرى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

    لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن 11-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پارتىيە مەكتىپى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى بارلىق كادىرلارغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ما شۆجۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

ما شۆجۈن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان چاغدىكى تەسىراتى ۋە ئۆگىنىش تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسىنىڭ يۈكسەك تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەدبىرىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەپەككۇرى، ئومۇمىي تەلىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

ما شۆجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: «تۆت ئۇلۇغ» ئىچىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، سەككىز تەرەپتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنى مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەپ ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇش؛ سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ غوللۇق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، ھەر ساھەنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەمەلىي نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، ياخشى قوللىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ما شۆجۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دەۋر چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىپ، بۇرچ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىدا ئىدىيەنى ۋە ھەرىكەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى