تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەر قانداق چاغدا ئارام ئېلىۋېلىش، پۇت–قولنى بوشىتىۋېلىش ئويىدا بولمايلى

  −شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (7)

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.

  «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ئارام ئېلىۋېلىش، پۇت- قولنى بوشىتىۋېلىش نىيىتىدە بولماسلىق كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە تەنتەنىلىك ھالدا: «پارتىيەنىڭ ساغلام مۇسكۇلىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى داۋاملىق تازىلاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيەنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتتە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەيۋەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك» دەپ جاكارلىدى. بۇ دۇنيادىكى 1- چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى توغرىسىدا چىقارغان سەگەك ھۆكۈمى، شۇنداقلا پات ئارىدا 100 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدىغان پارتىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىكى مەردانە خىتابى.

  «ئاتقان ئوقنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ»، «ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئاداققىچە تۇتۇش كېرەك»، بۇنىڭ ئاچقۇچى ئۇنى دائىم، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت... ئۆتكەن بەش يىلدا، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق كۈچەپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەچكە، «پارتىيەمىز ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا تېخىمۇ كۈچىيىپ، يېڭى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى». سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن، بەش يىلدا بىرتەرەپ قىلىنغان پارتىيەلىك كادىر 256 مىڭغا يەتتى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭىلاندى. «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك» دەيدىغان قەسىمىمىزگە قايتىدىن قارايدىغان بولساق: «داۋاملىق سۇغىرىپ، ھەر ۋاقىت بىلەپ تۇرۇش پارتىيە رايىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەلرايىنى ئويغىتىپ، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگودىكى تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈردى» دەپ تېخىمۇ ئېنىق يەكۈن چىقىرالايمىز.

  «چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلاردا قالتىس ئەقىل- پاراسەت بولمىغان تەقدىردىمۇ، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىرادە بولىدۇ». شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنگىچە، نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىدىن «گۈللىنىش» ناملىق غايەت چوڭ پاراخوتقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمىشقا شۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىدى؟ بۇ شانلىق نەتىجىلەرنىڭ كەينىدە بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان قەيسەر ئىرادە، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئەمەلىي خىسلەت بار. «داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، ھەرگىز توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ». بۇ بىلىش نەزەرىيەسى، مېتودولوگىيە، شۇنداقلا روھىي خاراكتېر ۋە قىممەت ئىنتىلىشىدىن ئىبارەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىمتىھان بېرىمىز»، «تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق» دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم تەكرارلىدى، «ئاسماندىن ئامەت ياغمايدۇ»، «يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش»نى قايتا- قايتا تەكىتلىدى، ھازىر يەنە «ئارام ئېلىۋېلىش، پۇت- قولنى بوشىتىۋېلىش»قا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا سەمىمىي نەسىھەت قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان قەيسەر ئىرادە ۋە قەتئىي بوشاشمايدىغان روھ بولۇشىنى، بىر ئىزدا توختاپ قالغانلارنىڭ ئىستىقبالى يوقلۇقىنى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلارنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. نېمىشقا ئارام ئېلىۋېلىش ۋە پۇت - قولنى بوشىتىۋېلىشقا بولمايدۇ؟ تۆھپە دەپتىرى بىلەن نەتىجە تىزىملىكىگە ئېسىلىۋالغاندا، ماۋ زېدۇڭ تەكىتلىگەن «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى» دېگەن روھنى ھەم دېڭ شياۋپىڭ تەكىتلىگەن «غەيرەت - شىجائەت»نى يوقىتىپ قويىمىز. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا «ئازراقلا بوشىشىپ قالساق چېكىنىپ كېتىمىز»، شۇڭا بارلىق خىزمەتلەردە «يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلەش» كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا زامانىۋىلىشىشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش ۋاقىت جەدۋىلى 15 يىل ئالدىغا سۈرۈلۈپ، يېڭى ئىككىنچى 100 يىللىق نىشان بېكىتىلدى. بۇ، پۈتۈن پارتىيەگە كۈرەشنىڭ چېكى يوقلۇقىنى، گۈللىنىش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگو پەخىرلەنسە بولىدۇ، لېكىن مەغرۇرلانسا بولمايدۇ. ئۆزىگە ئىشەنسە بولىدۇ، لېكىن ئۆزىگە تەمەننا قويسا بولمايدۇ. باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، قەدەممۇ قەدەم پۇختا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ داقا - دۇمباق چېلىپلا، ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار 80 تىرىليون يۈەنگە يەتكەندە، بىز ھەرقانداق ساننى ئاۋۋال 1 مىليارد 300 مىليونغا بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز؛ «گۈللىنىش» ناملىق تېز پويىز ئۇچقاندەك كېتىۋاتقاندا، بىز يەنە 40 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرمىساق بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، ھارماي - تالماي تىرىشىپ ئىزدىنىپ، بىراقلا كۈچەيدىغان بولساق، دولقۇن يېرىپ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىيەلەيمىز؛ ھازىرقىغا قانائەت قىلىپ، پاسسىپلىق بىلەن ھۇرۇنلۇق ۋە سۇسلۇق قىلىدىغان بولساق، كەينىگە چېكىنىپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقاندا، «ئىككىدە ئۆزگىرىش بولمىغان» ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىشىمىز، بولۇپمۇ «ئىش ئاخىرلاشقانسېرى قىيىنلىشىدۇ» دېگەن سەگەك ئىدىيەنى ساقلاپ، «ئىشنى ئاخىرغا چىقارمىغىچە نىيەتتىن يانمايدىغان» ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنىڭ يولىنى ياخشى بېسىشىمىز كېرەك.

  بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۈگۈنكى كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن، كەلگۈسىگە يول ئاچمىساق بولمايدۇ. ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق، ۋاقىت بىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. شۇڭا مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا باسىدىغان جاسارەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلايدىغانلا بولساق، يېڭى دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى چوقۇم يېزىپ چىقالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13- نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى