تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

چۈشەندۈرۈشنى ئەمەس مەسئۇل بولۇشىنى ئۆگىنىۋېلىڭ

  بىز تۇرمۇشتا تۈرلۈك تاللاشقا دۇچ كېلىمىز. بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىز، قانداق قىلىشىمىز، كىم بىلەن ئارىلىشىشىمىز قاتارلىقلار ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە مۇھاكىمىسىنى قوزغايدۇ. ئائىلە ئەزالىرى، دوستلىرىڭىز ھەتتا ناتونۇش كىشلەر بىزنىڭ ھەربىر ئىشلىرىمىزغا ھەتتا ئەرزىمەس كىچىك ئىشلىرىمىزغا قارىتا ئۆز قارىشىنى بايان قىلىدۇ.

  بەزى چاغلاردا، ئۇلار سىزدىن تۇرمۇشىڭىزدا چىقارغان قارارىڭىزنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ، سىز ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرىشىم كېرەك، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما بەزى ئىشلارنىڭ ئۇلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

يالغۇز قېلىشىڭىزنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز

  پىلانىڭىزنى بىكار قىلىپ، قولىڭىزدىكى ئىشىڭىزنى توختىتىپ، بىر مەزگىل دەم ئېلىپ ھاردۇق چىقارماقچى ياكى بىرەر پارچە كىتاب كۆرمەكچى بولغان ۋاقتىڭىزدا، باشقىلار مېنى ئادەمگە ئارىلاشمايدىكەن دەپ قالارمۇ دېگەن ئەندىشىدە بولىسىز، ئەمما يالغۇز قېلىش تامامەن نورمال، بۇنى تېخىمۇ كۆپ كىشى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئۆزىڭىزگە خاس ۋاقىتنى ئازادە ئۆتكۈزۈڭ، چۈنكى بۇنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز.

باشقىلارنىڭ شەخسىي قارىشىنى قۇۋۋەتلىشىڭىز ھاجەتسىز

   باشقىلار ئۆزىنىڭ شەخسىي قارىشىدىن زىيادە زوقلىنىپ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتسە، بۇ ئۇلانىڭ ھەربىر ئىشىنى  قۇۋۋەتلىشىڭىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ناۋادا، سىز ئۇلارنىڭ قارىشىدىن بەھرىلىنەلمەي، قارىشىڭىزنى يوشۇرۇپ ئۇلارنىڭ قارىشىنى يالغاندىن قۇۋۋەتلىسىڭىز، بۇ ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئادىللىق بولمايدۇ. نارازى بولغانلىقىڭىز ۋە ياقتۇرمىغانلىقىڭىزنى ئۇلارغا ئاشكارىلاپ يۈرگەندىن، ئۇلارنىڭ قارىشىنى قۇۋۋەتلىمەيدىغانلىقىڭىزنى ئۇدۇل ئېيتقىنىڭىز تۈزۈك.

باشقىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىڭىزگە قانداق باھا بېرىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن

سىز ئورۇق ياكى سېمىز، ئېگىز ياكى پاكار، چىرايلىق ياكى ئادەتتىكىچە بولۇڭ، مۇشۇنداق بىر ھالىتىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز، تاشقى قىياپەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، سىز ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولسىڭىزلا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى قىياپەت سىزنىڭ قىممىتىڭىزنى بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ.

قانداق يېمەكلىككە ئامراقلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز

  بەزى يېمەكلىكلەر تەملىك ھەم سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ، سىزنىڭ ياقتۇرۇپ يېيشىڭىز ناتايىن. يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرىدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز. بۇ ئۆز ئىختىيارىدىكى ئەڭ ياخشى تاللاش. ناۋادا بىرەيلەن بەزى يېمەكلىكلەرنى نېمىشقا ياقتۇرىسەن (ياقتۇرمايسەن) دەپ سوراپ سىزگە يېپىشىۋالسا سىز مۈرىڭىزنى قېقىپ قويۇپ ياقتۇرىمەن (ياقتۇرمايمەن) دەپلا قويۇڭ.

خىزمەت قىلىش ياكى ئائىلە تۇرمۇشىنى تاللىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز

  بەزىدە مۇھىت بىزنى خىزمەت قىلىش ياكى ئائىلە قۇرۇشتىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاش ھەرگىز قىيىن ئەمەس، سىزنىڭ خىزمەتنى تاللىشىڭىز، ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىڭىز سەۋەبىدىن بولماستىن، بەلكىم كەلگۈسىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر. تاللىشىڭىزغا تولۇق ئىشەنچىڭىز ھەم سەۋەبىڭىز بولسىلا، باشقىلارغا بۇ تاللىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز.

بويتاق ئۆتۈۋاتقانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز

بويتاق ئۆتۈشنى قەستەن تاللىمىغان بولسىڭىزلا، بۇنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقىسى يوق، بويتاقلىق پاسسىپ پىسخىكا ئەمەس، بويتاق ئۆتۈشنى ياكى مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشنى تاللاش سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز.

ئۇچرىشىشقا جەزمەن بېرىشىڭىز ھاجەتسىز

  بەزىلەر تولىمۇ دوستانە، چىراي-تۇرقىمۇ قاملاشقان، سىزمۇ قىزىقىپ قالدىڭىز، بۇ سىزنى ۋەدىلەشكەن ئۇچرىشىشقا جەزمەن بېرىڭ دېگەنلىك ئەمەس. ناۋادا شۇ كۈنى كەيپىياتىڭىز ياخشى بولماي بارغۇڭىز كەلمىسە بارمايلا قويۇڭ. قارشى تەرەپكە سەۋەبىنى ئېيتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، ئەمما سەۋەبى ئاددىي بولسۇن ھەم شۇ قارارىڭىزدا چىڭ تۇرۇڭ.

مۇناسىۋەت تاللاش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز

  بەزىدە كىشلەر سىلەرنىڭ سۆيگۈ مۇناسىۋىتىڭلارغا قارىتا نامۇۋاپىق باھالارنى بېرىشى مۇمكىن، بىراق سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار پۈتۈنلەي ئۆزۈڭلارغا خاس، بەزىدە مۇشۇنداق گەپ-سۆزلەر قۇلىقىڭىزغا يېتىپ قېلىشى مۇمكىن، مەسلەن، «ئىككىڭلار بىر- بىرىڭلارغا ماس كەلمەپسىلەر، باشقىسىنى تېپىڭ» دېگەندەك. بىراق، سىزنىڭ تاللىشىڭىز باشقىلارغا ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىزگە جاۋابكار بولۇپ ياشاش ئۈچۈندۇر، باشقىلارنىڭ قارىشى سەۋەبىدىن ھەرگىز مەلۇم مۇناسىۋەتتىن ۋاز كەچمەڭ ياكى داۋاملاشتۇرۇپ يۈرمەڭ.

«تەرمىلەر»ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

پىراكتىكانت سۈرىيە راشىدىن تەييارلىغان

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ