تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجە يارىتىش كېرەك

  ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى جايلاردا داۋاملىق تەشۋىق قىلدى

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى ۋە باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدى ۋە كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى قاتارلىق سەككىز تەرەپنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپ، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر شەرھلىدى، بۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىدا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

  كادىرلار، ئامما تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئەتراپلىق، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىشى، ئوچۇق ۋە جانلىق يېشىپ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە خاتىرە قالدۇردى، تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئېسىل لېكسىيەسى كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى چوڭقۇر ھېسسىيات، مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆگىنىپ، دوكلاتنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرىمىز.

  تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭ قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا قومۇل شەھىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، تەشۋىق قىلىش تايانچلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئەزالىرىغا تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە بىر مەيدان ئېسىل لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ يەنە ئېۋىرغول رايونى شىمالىي شەھەر كوچىسى جىلياڭ يولى مەھەللىسىگە بېرىپ، مەھەللە كادىرلىرى، ئاھالىلەر بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىپ، 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتى توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىك سورىغان مەسىلىلەرگە بىرمۇبىر جاۋاب بەردى.

  تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركىش قۇرمانبېك باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئاز سانلىق مىللەت ئورگان كادىرلىرى، يېزا، كەنت كادىرلىرى ۋە ئامما ۋەكىلىدىن بولۇپ 400دىن كۆپرەك كىشىگە قۇرۇلتاي روھى توغرىسىدا قازاق تىلىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ يەنە باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۆلياقا يېزىسىغا بېرىپ، يېزىدىكى قازاق ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى ھەم كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى يېشىپ چۈشەندۈردى.

  تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېھىم خالىق كۇچا ناھىيەسىدە ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ يەنە كۇچا ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا بېرىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلار ۋەكىللىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى ھەم كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹قانداق قىلغاندا بۈيۈك ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يېڭى دەۋر ياشلىرىدىن بولغىلى بولىدۇ›› دېگەن مەسىلىگە تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

  تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى(ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەبىبۇللا ئابدۇسالام گۇما ناھىيەسىدە ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئۇيغۇر تىلىدا بىر مەيدان ئېسىل لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ يەنە گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسىنىڭ لەڭگەر كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قانداق ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە كادىرلار، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قىزىركەلدى ئابدۇراخمان ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قاراماغاي بازىرىنىڭ تاڭبالى كەنتى ۋە ئارادا يېزىسىنىڭ گەنخېزى كەنتىگە بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى، ئاتلىق ئەترەت چېگرا قوغدىغۇچىلىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  خېنەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، قومۇل شەھەرلىك سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ گۇاڭجيې مۇنداق دېدى: تەشۋىقات بەك ئېسىل بولدى، بۇنىڭ ماڭا كۆپ ياردىمى بولدى. سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت تارمىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىي خىزمەتتە گەۋدىلەندۈرۈپ، قومۇل خەلقىنى جىسمانىي جەھەتتىن ساغلاملاشتۇرۇپلا قالماي، روھىي جەھەتتىنمۇ ساغلاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  كۇچا ناھىيەسىدىكى تەشۋىقاتچى شەپقەت ئابلەت مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ماتېرىيال توپلاپ ئۆزلۈكىمدىن ئۆگەنگەن بولساممۇ، كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغانىدىم، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ئىلھاملاندىم. لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئېنىق چۈشىنىپلا قالماي، يەنە قانداق قىلغاندا ئەتراپىمدىكى ئىشلار ۋە چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا تەشۋىق قىلىشنى بىلىۋالدىم.

  خوتەن ۋىلايەتلىك مىللەت – دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى كۆكتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 – شۇجىسى تۇرغۇن مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا كۆپلىگەن يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھى نامايان قىلىندى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

  (گېزىتىمىزنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن چۈنخۇا، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاۋ يۈۋېي، ئالتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى چاڭدا، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ يۇڭ، ما جىجۈەن، ياڭ سېنلىن، سەي شۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى