ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى
گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. يېقىندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار قىزىل تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، ئۆگىنىش مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغىدى. تارماقلار، ئورۇنلار بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى: مالىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز
ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە سىستېمىسىدىكىلەر 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋەن خەيچۈەن يىغىندا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر، تەسىرلىك، ئەمەلىي يېشىپ چۈشەندۈردى ھەم كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرگە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك مالىيە سىستېمىسىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە لېكسىيەنى ئاڭلىدى.
ۋەن خەيچۈەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسىي نەتىجىلىرى، ئۆتكەن بەش يىللىق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ مول مەزمۇنى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېشىپ چۈشەندۈردى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە سىستېمىسىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ چۈشىنىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمەلىي بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بويىچە كاللىنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مالىيە كىرىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەشكىللەش مېخانىزمى، مالىيە چىقىمى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مالىيە – باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مالىيە، پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مالىيەنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم تايانچىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە سىستېمىسىدىكىلەر كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش، بىلىشكە تېگىشلىك مەزمۇنلاردىن ئىمتىھان ئېلىش، باش تېمىلىق ماقالە قوبۇل قىلىش، قارا تاختا گېزىتى چىقىرىپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەرنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مالىيە نازارىتى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى، ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس››، باش تېما پارتىيە كۈنى پائالىيىتى، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بارلىق پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىرنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەينەن، تەكرار، ئۇزاققىچە ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۆگىنىش نىشانى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خادىم، ۋاقىت، مەزمۇن، ئۈنۈمدىن ئىبارەت ‹‹تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، تەكرار ئۆگىنىشى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشىگە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلىشىگە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مالىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشتا ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشىمىز
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش›› بويىچە ئاياللار تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن كەلگەن 120 مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قىسمەن مەھەللە(كەنت)لەرگە بېرىپ تەشۋىق قىلدى.
تەشۋىقاتچىلار شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى تاشبۇلاق تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئارقابۇلاق يولى شىمالىي مەھەللىسى قاتارلىق بەش مەھەللە ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بەش كەنتىگە بېرىپ، دۆلەت تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا تەشۋىق قىلدى. بۇ تەشۋىقاتچىلار ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپتىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى، ئادۋوكات، ئاساسىي قاتلام ئاياللار كادىرى قاتارلىقلار بار، ئۇلار ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن، ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك سۆزلەر ئارقىلىق ئايال ئاممىنىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۆگىنىشى ۋە چۈشىنىشىگە ياردەم بەردى.
سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرىنىڭ دۇڭگۇ كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس خۇ خەنمىن ئاساسىي قاتلامدىكى ئايال ئاممىغا، ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە››، ‹‹ئەڭ گۈزەل ھويلا – ئاران›› ۋەكىللىرىگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە يېشىپ چۈشەندۈردى ھەم ئۇلار بىلەن ئارىلاپ – ئارىلاپ مۇزاكىرە قىلدى.
ــ ھەدە، سىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە نېمە؟ سىزنىڭ قانداق ئۈمىدىڭىز بار؟
ــ مەن قانداق قىلغاندا دېھقانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلىگە ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىمەن، يەنە يەر مەسىلىسىگىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىمەن.
خۇ خەنمىن ئاممىنىڭ سوئالىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا بىرلەشتۈرۈپ: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش ۋە ئۇنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، 2 – قېتىملىق ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش؛ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش، شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاشنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كۆپچىلىك ئەنسىرىمەڭلار، دۆلەت خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. كۆپچىلىك ئاڭلىغاچ سوئال سورىدى، تەشۋىقات نەق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى.
تەشۋىقاتچى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئانارگۈل قوندىباي مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى ئايال خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سىياسىۋىلىكىمىز، ئىلغارلىقىمىز، ئاممىۋىلىقىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئايال ئامما بىلەن مۇناسىۋەت باغلايدىغان كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئايال ئاممىنىڭ پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇشىغا، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىغا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋرگە ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشۇپ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ئاياللار مارشىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك.
سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرى بىڭخۇ كەنتىنىڭ ئاياللار مۇدىرى ياڭ لىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەپ، ناھايىتى ئىلھاملاندىم. مەن بۇ خۇش خەۋەرلەرنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بالدۇرراق تېخىمۇ باي – باياشات ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى: سۆھبەت يىغىنى تەشكىللەپ، 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز
ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى قارىمىقىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. 40 قا يېقىن ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىن كەلگەن ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، توققۇز مۇتەخەسسىس، ئالىم ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتى ۋە تونۇشى توغرىسىدا توختالدى ھەم ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قانداق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا كەڭ – كۇشادە سۆزلەشتى.
مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە ئىلمىي سوتسىيالىزم ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇلدى، ئۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن، ئۇ ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نىشانى ۋە يېڭى ۋەزىپىسىنى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيەنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، كۈچنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى سىياسىي يادرولۇق رولى ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز؛ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى نەزەرىيە، يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.
(مۇخبىرلىرىمىز رىزا زەينارقان، مېھرىگۈل ناسىر، ليۇ تىڭ)