ھۆل قەغەزنىڭ ئۈستىدە قولاي ھەم ھىملىقى ياخشى سۇلياۋ ئېغىزلىق ياپقۇچ بولۇپ، بىز كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بۇ نەرسىگە ئانچە ئېتىبار بەرمەي، ئەخلەت ئورنىدا تاشلىۋېتىمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ كىچىك نەرسىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانساقلا ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭىيىدۇ.
سۈرەتتىكىگە ئوخشاش ھۆل قەغەز ياپقۇچىنىڭ ئىچىگە بالىلارنىڭ رەسىملىرىنى سېلىپ، سىرتىغا ئىسمىنى يېزىپ قويساقمۇ بولىدۇ. يېشى كىچىك ياكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن بۇ ياخشى ئويۇن ھېسابلىنىپ، ئوخشىمىغان نەرسە ئارقىلىق بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. ئىچىدىكى سۈرەتلەرنى سانلارغا، ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سۈرەتلىرىگە ئالماشتۇرساقمۇ بولىدۇ.
بىز يەنە بوتۇلكا ئېغىزىدىنمۇ ئوخشىمىغان نەرسىلەرنى ياساپ چىقالايمىز.