تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

كۈندە ئۈچ جۈملە مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ

      ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە يەيدىغان، كىيىدىغاندىن غەم قىلمايدىغان بولغان بىلەن مەنىۋى دۇنياسىغا بولغان دىققەت-ئېتىبارى كۈچىيىپ كېتىدىكەن. لېكىن كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى قارشى تەرەپكە مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنى ئۇقمىغانلىقتىن، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۆز تۇرمۇشىدا ئېغىر دەرىجىدە «مۇھەببەتنىڭ كەمچىلىكى»نى، ئېرىنىڭ بىرەر قېتىممۇ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ غەمخورلۇق قىلىپ باقمىغانلىقىنى، يەنى بۇ خىل رومانتىكلىقنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ھېس قىلىدىكەن.

      50 نەچچە ياشلىق بىر ئايال ئېرىدە رومانتىكلىقنىڭ بولمىغانلىقىدىن قاتتىق ئاغرىنغان. ياش ۋاقتىدا، ھەر ئىككىلىسى خىزمەت ۋە بالىلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مۇھەببەتلىشىشكىمۇ ۋاقىت ئاجرىتالمىغان. ھازىر بالىلار چوڭ بولۇپ، ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار ئىككى كىشىلىك دۇنياغا قايتقان. لېكىن، ئېرىدە ئازراقمۇ ھېسسىيات قالمىغان. توي قىلىپ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇ خوتۇنىغا بىر ئېغىز «مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ» باقمىغان، بىرەر قېتىم تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى ئېلىپ بېرىپ باقمىغان. كوچا ئايلانغاندا خوتۇنىنى قولتۇقلاپ باقمىغان. ھازىر يەيدىغان، كىيىدىغىنى، ھەتتا پۇلى بولغىنى بىلەن لېكىن تۇرمۇشتا ھامان بىر نەرسە كەمدەك ھېس قىلغان، ئاساسلىقى ئېرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە مۇتەئەسسىپ، ئازراقمۇ رومانتىكلىقى يوق، مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنى بىلمەيدىغانلىقىدىن بولغان.

      پىسخولوگلار ئەر-خوتۇنلار كۈندە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ جۈملە مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان سۆزلەرنى، مەسىلەن: «مەن سىزدىن ئەنسىرەيمەن»، «مەن سىزنىڭ مۇنداق ئارتۇقچىلىقىڭىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن»، «سىرتقا چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ، بالدۇراق قايتىڭ» دېگەنگە ئوخشاش جۈملىلەرنى ئىشلىتىش كېرەك، دەيدۇ.

      نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئەر-خوتۇنلار مۇھەببەتنى تېخىمۇ ئىنچىكە، ئەمەلىي ھالقىلاردا ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خاتا ئەمەس. بىراق، ھەرىكەتلا بولۇپ، مۇھەببەتلىك سۆزلەرمۇ بولمىسا، خۇددى «سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق» دېگەندەك كەمتۈكلۈك تۇيغۇسى كېلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئۇزاق مۇددەت پىكىر ئالماشتۇرماسلىق ھالىتىدە بولغاندا، ھېسسىياتتا سۇسلىشىش كۆرۈلۈپ مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتنىڭ ياش چېگراسى ۋە چەكلىمىسى بولمايدۇ. ئەر-خوتۇنلار كونا ئىدىيەنى بۇزۇپ تاشلاپ، قارشى تەرەپ بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ مۇھەببەتنى دادىللىق بىلەن ئىپادىلەش كېرەك.

      ئەلۋەتتە گەپ-سۆزدە سەمىمىي بولۇشى، چىن يۈرىكىدىن چىققان قىزغىن مۇھەببىتى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ يۈرىكىنى تىترىتەلىشى كېرەك. ئېغىزدىلا دەپ ئەمەلىي ھەرىكىتى بولمىسا تېخى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا يەنە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ھالىغا يېتىش بەك مۇھىم.

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ