تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرىمىز

  ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى ئۈرۈمچى، سانجى رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تەشۋىق قىلدى

مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا

  ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۈرۈمچى، سانجى رايونىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە تەشۋىق قىلدى، تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا بېرىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن شەرھلەپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سىياسىي ساپاسى كۈچلۈك، نەزەرىيە، سىياسەت سەۋىيەسى يۇقىرى، تەشۋىق قىلىش تەجرىبىسى مول رەھبىرىي كادىرلار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى ۋە ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن. شىنجاڭ سىفەن داشۆ تەشۋىقات نەق مەيدانىدا، مەكتەپنىڭ «قاراقۇرۇم مۇنبىرى» دوكلات زالى ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، زالدا بوش ئورۇن قالمىغانىدى. تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى گۇ گۇاڭخەي «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دېگەن تېمىدا شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلدى ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

  تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ياڭ خەيپىڭ شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسىدە: «ياشلار روناق تاپسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ئىستۇدېتلارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇستەھكەم ئېتىقاد ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى يورۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق ئارزۇسىنى ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەندە، مەيداندىكى 1000غا يېقىن كىشى قىزغىن چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. سانجى ئىنستىتۇتىنىڭ 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى فەرۇق مەمەت دوكلاتتىكى شەخسنىڭ تەقدىرىنى دۆلەت تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك، دېگەن مەزمۇننى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ كەڭرى سەھنىسىدە بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىمنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىم ۋە كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.

  شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ جيەن مۇنداق دېدى: تەشۋىقاتنى ئاڭلاپ، دوكلاتنى يەنە بىر قېتىم ئەسكە ئالدىم، يېڭى دەۋر، يېڭى ئىدىيە، يېڭى نىشان، يېڭى مۇساپە توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ كۈرەش نىشانى ۋە يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى؛ تەشۋىقات ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ياخشى ئىدىيەۋى ئاساس سېلىپ بەردى.

  شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىنستىتۇتى ھاۋا بوشلۇقى مۇلازىمىتى كەسپى 1- يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاڭ جىنيەن مۇنداق دېدى: دوكلاتتىكى كەسپىي مائارىپقا ئالاقىدار بايانلاردىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، شۇنداقلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىلەنگەنلىكىمدىن مىننەتدار بولدۇم. كەسپىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمەن.

  شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ داجياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش − مەكتىپىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بۇ قېتىمقى تەشۋىقات دوكلاتىنى پۇرسەت بىلىپ، دوكلاتنى ئۆگىنىپ چۈشىنىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ئۆگىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش پائالىيىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتە، تۇرمۇشتا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرىكەتتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ سىفەن داشۆ مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ يېتەكچىسى شى چۈنشيانىڭ يېتەكچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا تۆت يىل بولدى، ئۇ ئۇزاق مەزگىل ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. ئۇ مۇنداق قارىدى: تەشۋىقات دوكلاتى ناھايىتى ۋاقتىدا ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولدى، بۇ، مېنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدىكى چۈشەنچەم ۋە تونۇشۇمنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىدىكى يېتەكچى بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى