تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك

  − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (6)

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  ئەڭ قالتىس مۇۋەپپەقىيەت باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈش ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كېلىش؛ ئەڭ قىممەتلىك چىڭ تۇرۇش ئۇزاق سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە. چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى مەردانە خىتاب ھەم چوڭقۇر ئىلھامدۇر. ئۇنىڭ بەش يىل ئىلگىرى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان «پۈتۈن پارتىيە چوقۇم ئويغىنىشى كېرەك» دېگەن سەمىمىي نەسىھەتىگە ھەم بۇ قېتىم قىلغان «چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك» دېگەن سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سۆزىگە باشتىن- ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغان چوڭقۇر ھېسسىيات سىڭگەن، بۇرچنى يەردە قويمايدىغان ئىرادە مۇجەسسەملەنگەن.

  96 يىل ئىلگىرى شاڭخەينىڭ شىكۇمېندا دۇنياغا كەلگەن، ئەزاسى 60 قىمۇ يەتمەيدىغان يېڭى پارتىيە تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ھازىر ئەزاسى 89 مىليوندىن ئاشىدىغان، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغان 1- چوڭ پارتىيەگە ئايلاندى. ئەگەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىش دېسەك، ئۇنداقتا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ نوپۇسىدىنمۇ كۆپ چوڭ پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىنى دۇنياۋى خىرىس دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى چوڭ پارتىيە بولۇش قىياپىتى بىلەن يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى نىشانغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى بىزگە ئىلھام بېرىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۆجىزە يارىتىدىغان جاسارەتكە ھەم ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان ئىرادىگە ئىگە. چوڭ دۆلەت، چوڭ پارتىيە قۇرۇشقا بەل باغلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بىزدىن باشقا كىم بار؟

  «چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك»، چوڭ دېگەن نېمە؟ سىنو خاتىرىسىگە «ھارماي- تالماي جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلار ھەرگىز يېڭىلمەيدۇ» دەپ يازغانىدى. پارتىيەمىزنىڭ سىماسىدىن «دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش نۇرى» چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۈيۈك غايىسى بار. «كوممۇنىست» ژۇرنىلىدىكى بېغىشلىمىدا «پارتىيەنى پولاتتەك مۇستەھكەملەش كېرەك» دېيىلگەن، پارتىيەمىز ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان بەش يىل جەريانىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نەتىجىسىدە، پارتىيەمىزنىڭ قىياپىتى «يىلدىن- يىلغا يېڭىلىنىپ، بەش يىلدا زور ئۆزگىرىش بولدى». شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، پارتىيەمىزنىڭ زور تۆھپىسىنى تارىخ سەھىپىسىدە يېزىپ قالدۇردى. «ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىمىز». پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ تارىخىي ئورنى ۋە تارىخىي بۇرچىنى تەنتەنىلىك بايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ يىراقنى كۆرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. «باشتىن- ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمىز» دەيدىغان جاراڭلىق قەسەم ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان چوڭ ۋەزىيەتكە گۇۋاھ بولدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن- ئاخىر ئىنسانىيەتكە يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىدۇ» دەيدىغان ئۆزگەرمەس ئېتىقاد ماركسىزمچە پارتىيەنىڭ جاھاننى كۆڭلىگە پۈكىدىغان زور غايىسىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  «چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك»، قانداق قىلغاندا چوڭچە قىياپەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ؟ بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. «مەڭگۈ خەلقنىڭ چاكىرى، دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشىمىز كېرەك». بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارغا قويغان يېڭى تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. «مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللار ھەم پارتىيەنىڭ ساغلام مۇسكۇلىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى يوقىتىشىمىز كېرەك». بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشكە قارىتا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قانداق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟ يېڭى ئىدىيە ئاچقان يېڭى مۇساپىگە قارىتا قانداق قىلغاندا ئاندىن پۈتۈن پارتىيە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىيالايدۇ؟ بۇ يېڭى تېمىلارغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەندىلا، پارتىيەمىز ئاندىن تۈرلۈك سىناقلاردىن ئۆتۈپ، باشتىن- ئاخىر چوڭ پارتىيەگە خاس سالاپىتىنى ساقلاپ، كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولالايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزگە: «پارتىيەمىز ئۆز قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي ھالدا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك پارتىيەگە ئايلىنىشى كېرەك» دەپ سەمىمىي ئىلھام بەردى. پارتىيەمىز چوڭ دۆلەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان چوڭ پارتىيە، پارتىيەمىزنىڭ قىياپىتى پارتىيەنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، دۆلەت، خەلق ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندا پارتىيەمىز يەنە كېيىنكى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. گۈللىنىش يولىدىكى «پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەدبىرى» نىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك پارتىيەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا يېتەكلىشىگە تىلەكداشمىز.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ