تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك

  ئاپتونوم رايون رەھبىرى پەن- تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە سىستېمىسىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

  مۇخبىرىمىز يۆ يەنيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 11- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە سىستېمىسىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش، يېڭى نەتىجە يارىتىشتىن ئىبارەت.

  ئەركىن تۇنىياز ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسلىق نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆتكەن بەش يىللىق تارىخىي نەتىجىلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە بولغان تارىخىي ئۆزگىرىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئائىت زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سەككىز جەھەتتىن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى تەشۋىق قىلدى.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ  4- ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئون يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» تەلىپى بويىچە خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق نۇقتىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»قا قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن كەڭ بىپايان زېمىننى ھەقىقىي ياخشى قوغداش، ھەقىقىي مۇقىم قىلىش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە سىستېمىسىدىكى 500گە يېقىن پارتىيە ئەزاسى، كادىر تەشۋىقاتنى ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل