كۈزدە يۆتەل ئەۋج ئالىدۇ، يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر قايسى؟
1. كۈزدە ھاۋا سوغۇق ھەم قۇرغاق بولغاچقا، ئۆپكە ئاسانلا زەخىملىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرغاق مۇھىت نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، چاڭ-توزان، باكتېرىيەلەر نەپەس يولى پەردىسىگە يېپىشىپ، ياللۇغلىنىش سەۋەبلىك يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئۆپكە ساغلاملىقنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆپكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.
2. كۈزدە رېئاكسىيە سەۋەبلىكمۇ يۆتەل پەيدا بولىدۇ. كۈزدە شامال چاڭ-توزان كۆپ بولغاچقا زىققا، بۇرۇن ياللۇغى، يۆتەل قاتارلىق رىئاكسىيە سەۋەبلىك قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.
3. زۇكامداش، نەپەس يولى ياللۇغى سەۋەبلىكمۇ يۆتەل پەيدا بولىدۇ.
ئۇنداقتا قايسى خىل ئەھۋالدىكى بىمارلار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك؟
1. زۇكامدىن كېيىن قاتتىق قىزىغان، يۆتىلى ئېغىرلار؛ 2. زۇكامدىغاندىن كېيىن ئۇدا ئۈچ ھەپتىگىچە يۆتىلىپ بىئارام بولغانلار؛ 3. يۆتىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى بىمارلىرى؛ 4. زىققا ياكى سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى؛ 5. سەۋەبسىز يۆتىلىپ بىئارام بولغان ھەمدە يۆتەل ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتكەنلەر.
(پىراكتىكانت زىلالە غالىب «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن تەييارلىدى)